پۇتىن مىشۇستىننى باش مىنىستىرلىققا نامزات كۆرسەتتى

رۇسىيە پىرېزىدېنتى ۋىلادىمىر پۇتىن، فېدېراتسىيە باج ئىدارىسى باشلىقى مىخائىل مىشۇستىننىڭ دىمىترىي مېدۋېدېۋنىڭ ئورنىغا باش مىنىستىرلىق ۋەزىسىپىنى ئۆتىشىنى تەۋسىيە قىلدى.

1341851
پۇتىن مىشۇستىننى باش مىنىستىرلىققا نامزات كۆرسەتتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: رۇسىيە پىرېزىدېنتلىق مەھكىمىسى مەتبۇئات ئىشلىرى ئىشخانىسى بۇ ھەقتە بايانات بېرىپ، پۇتىننىڭ مىنشۇستىن بىلەن كۆرۈشۈپ، ئۇنىڭغا باش مىنىستىرلىق ۋەزىپىسىنى ئۆتەشكە تەكلىپ قىلغانلىقىنى بىلدۈردى.

مىشۇستىننىڭ ۋەزىپىنى قوبۇل قىلغانلىقىغا دائىر ئۇچۇرلارغا ئورۇن بېرىلگەن باياناتتا، پۇتىننىڭ نامزاتلىق تەكلىپىنى ماقۇللۇق ئېلىش ئۈچۈن رۇسىيە پارلامېنتىنىڭ تۆۋەن قانىتى – دۇماغا سۇنغانلىقى قەيت قىلىندى.

دۇما مەتبۇئات ئىشلىرى ئىشخانىسىنىڭ بۇ ھەقتىكى باياناتىغا قارىغاندا، دۇماغا سۇنۇلغان مىشۇستىنغا مۇناسىۋەتلىك نامزاتلىك تەكلىپى بۈگۈن ئاۋازغا قويۇلىدىكەن.  

دىمىترىي مېدۋېدېۋ تۈنۈگۈن ۋىلادىمىر پۇتىنغا ھۆكۈمەتنىڭ ئىستېپا ئىلتىماسىنى سۇنغان، پۇتىن ئىلتىماسنى قوبۇل قىلغانىدى.

1966 – يىلى موسكۋادا دۇنياغا كەلگەن مىشۇستىن 2010 – يىلىدىن بۇيان رۇسىيە فېدېراتسىيە باج ئىدارىسىنىڭ باشلىقى بولۇپ ۋەزىپە ئۆتىمەكتە ئىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر