ئامېرىكا ئىرانغا يۈرگۈزۈۋاتقان ئېمبارگوسىنى ئېغىرلاشتۇردى

ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى خەزىنە ئىشلىرى مىنىستىرلىقى، ئىراقتىكى ئىككى ھەربىي بازىسىغا قىلىنغان باشقۇرۇلىدىغان بومبا ھۇجۇمىدىن كېيىن ئىرانغا يېڭى بىر قاتار ئېمبارگولارنى يۈرگۈزۈشنى قارار قىلغانلىقىنى ئېلان قىلدى.

1338858
ئامېرىكا ئىرانغا يۈرگۈزۈۋاتقان ئېمبارگوسىنى ئېغىرلاشتۇردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئامېرىكا خەزىنە ئىشلىرى مىنىستىرى ستېۋېن منۇچىن ئاقسارايدا مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنى ئۆتكۈزۈپ، «ئىراننىڭ ئامېرىكا ۋە ئىتتىپاقداش كۈچلەرگە قىلغان ھۇجۇملىرىغا قارشى بۇ دۆلەتكە قوشۇمچە ئېمبارگولارنى يۈرگۈزىمىز» دېدى.

ئۇ، قوشۇمچە ئېمبارگولارنىڭ، نۇقتىلىق ھالدا ئىراننىڭ مېتال سانائىتى ۋە مەزكۇر ھۇجۇم بىلەن چېتىشلىقى بولغان ئىران ھۆكۈمەت ئەمەلدارلىرىنى زەربە ئوبيېكتى قىلغانلىقىنى تەكىتلىدى.

بۇ دائىرىدە ئىراننىڭ ئاليومىن، مىس، تۆمۈر ۋە پولات ساھەسىدىكى 17 شىركەت بىلەن ئىراقتىكى بازىغا قىلىنغان باشقۇرۇلىدىغان بومبا ھۇجۇمىنى پىلانلاشقا قاتناشقانلىقى ئەسكەرتىلگەن ئىرانلىق 8 نەپەر يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدارلارغا جازا يۈرگۈزۈلدى.

ئامېرىكا پىرېزىدېنتى دونالد ترامپ پەيشەنبە كۈنى ئاقسارايدا بايانات بېرىپ، ئىراقتىكى ئىككى ھەربىي بازىغا قىلىنغان ھۇجۇمدىن كېيىن ئىرانغا دەرھال قوشۇمچە ئېمبارگولارنى قويىدىغانلىقلىرىنى ئېلان قىلغانىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر