بايدىن ترامپنىڭ ئامېرىكا سىياسىتىنى ئەيىبلىدى

ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنىڭ 2020 – يىلىدىكى پىرېزىدېنتلىق سايلىمىدا دېموكراتچىلار قانىتىدىن پىرېزىدېنت نامزاتى ئىكەنلىكىنى ئېلان قىلغان جو بايدىن ترامپنىڭ ئىران سىياسىتىنى ئەيىبلىدى.

1336985
بايدىن ترامپنىڭ ئامېرىكا سىياسىتىنى ئەيىبلىدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنىڭ 2020 – يىلىدىكى پىرېزىدېنتلىق سايلىمىدا دېموكراتچىلار قانىتىدىن پىرېزىدېنت نامزاتى ئىكەنلىكىنى ئېلان قىلغان جو بايدىن، ئىران بىلەن ئامېرىكا ئارىسىدىكى سۈركىلىش توغرىسىدا توختىلىپ، پىرېزىدېنت دونالد ترامپنى دۆلەتنى ئۇرۇشنىڭ گىرۋىكىگە ئەكىلىپ قويۇش بىلەن ئەيىبلىدى.

سابىق مۇئاۋىن پىرېزىدېنت جو بايدىن نيۇ يوركتا ئۆتكۈزۈلگەن سايلام سەپەرۋەرلىك پائالىيەتلىرى ئۈچۈن ئىئانە توپلاش پائالىيىتىدىن كېيىن بايانات بېرىپ، ئىران ئىنقىلاب مۇھاپىزەتچىلىرى ئارمىيەسى قۇددۇس قىسىملىرى قوماندانى قاسىم سۇلەيمانىنىڭ ئۆلتۈرۈلۈشى توغرىسىدا توختالدى. يېقىندىن بۇيانقى تېھران – ۋاشىنگتون سۈركىلىشى مۇناسىۋىتى بىلەن ترامپنى ئەيىبلىگەن بايدىن، ترامپنىڭ سۇلەيمانىنىڭ ئۆلتۈرۈلۈشى توغرىسىدا  بۇيرۇق چۈشۈرۈشتىن ئىلگىرى، بۇ ھەقتە ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى ۋە ئامېرىكىنىڭ دۇنيادىكى ئىتتىپاقداشلىرىغا مەلۇمات بەرمىگەنلىكىنى، بۇ ئارقىلىق دۆلەتنى ئىران بىلەن ئۇرۇش قىلىش گىرۋىكىگە ئەكىلىپ قويغانلىقىنى ئېيتتى.

ئۇ، ترامپنىڭ مۇناسىۋەتلىك تەرەپلەرنى ۋاقىپلاندۇرۇشنىڭ ئورنىغا تىۋىتتېردا ئۇچۇر يوللاش، تەھدىت سېلىش ۋە غەزەپلىنىش قاتارلىقلارنى تاللىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، «بۇ (ئىران كىرىزىسى)، جۇمھۇرىيەتچى پىرېزىدېنتنىڭ ئېغىر دەرىجىدە يېتەرسىز (لاياقەتسىز) ئىكەنلىكى ۋە دۇنياغا لىدېرلىك قىلالمايدىغانلىقىنى دەلىللەپ بېرىدۇ» دېگەنلەرنى قەيت قىلدى.

بايدىن ھېچكىمنىڭ ئۇرۇش قىلىشنى خالىمايدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ، «بىراق بۇ نۇقتىغا قازارا كېلىپ قالمىغانلىقىمىزغا ئىشنىش ئۈچۈن نۇرغۇن كۈچ چىقىرىشىمىزغا توغرا كېلىدۇ» دېدى.

ئۇ، دېموكراتىيەنىڭ ھېساب بېرەلەيدىغان بولۇش سىستېمىسى ئۈستىگە قۇرۇلغانلىقىنى ئېيتىپ، ترامپقا ئىران كىرىزىسى توغرىسىدا «ھۆرمەتلىك پىرېزىدېنت، قارارىڭنى ۋە ئىستراتېگىيەڭنى ئامېرىكا خەلقىگە ئېلان قىلىشقا مەجبۇرسەن، بۇ سېنىڭ ئىشىڭ» دەپ چاقىرىق قىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر