سەئۇدى ئەرەبىستانلىق دىنىي ئالىم سەلمان ئەل ئەۋدە تۈرمىدىكى چەكلىمىلەرگە نارازىلىق بىلدۈردى
سەئۇدى ئەرەبىستاندا نازارەتكە ئېلىنغان ئاتاقلىق دىنىي ئالىم سەلمان ئەل ئەۋدە ئائىلە ئەزالىرىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلماسلىق قارارىنى ئېلان قىلدى.
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: سەئۇدى ئەرەبىستانلىق پائالىيەتچىلەر تەرىپىدىن سەئۇدى ئەرەبىستاننىڭ ۋەزىيىتى ھەققىدە مەلۇمات تارقىتىش ئۈچۈن قۇرۇلغان «پىكىر تۇتقۇنلىرى» ناملىق تىۋىتتېر ھسابىدىن ئېلان قىلىنغان باياناتتا بىلدۈرۈلىشىچە، سەلمان ئەل ئەۋدەنىڭ ئۆزىگە قارىتىلغان ئەيىبلەشلەرگە جاۋابەن تەييارلىغان ھۆججەتلىرىنى پايتەخت رىيادنىڭ جەنۇبىدىكى ئەلھائىر تۈرمىسى سوتتا ۋە سوتچىلارنىڭ ئالدىدا ئىشلىتىشىگە يول قويمىغان.
ئاتاقلىق دىنىي ئالىم سەلمان ئەل ئەۋدە بۇ قانۇنسىز چەكلىمىگە نازارىلىق سۈپىتىدە بۇنىڭىدىن كېيىن ئائىلە ئەزالىرىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلماسلىق قارارىغا كەلگەنلىكىنى جاكارلىغان.
ئاتاقلىق سۇننىي ئالىم سەلمان ئەل ئەۋدە ئىجتىمائىي تاراتقۇ مەنبىرى تىۋىتتېردا تەخمىنەن 13 مىليون 400 مىڭ ئەگەشكۈچىسى بولغان ئالەمشۇمۇل شۆھرەتكە ئىگە دىنىي زات ھېسابلىنىدۇ.
سەئۇدى ئەرەبىستان 2017 – يىلى سەلمان ئەل ئەۋدەنى نازارەتكە ئالغان ۋە تەخمىنەن بىر يىل كېيىن ئېچىلغان سوتتا، تېررورلۇق تەشكىلاتىغا رەھبەرلىك قىلىش، سەئۇدى ئەرەبىستاننىڭ قاتارغا قاراتقان ئېمبارگوسىغا قارشى چىقىش، مۇسۇلمان قېرىنداشلار تەشكىلاتى بىلەن ھەمكارلىشىش، قاتار پادىشاھ ئائىلىسى بىلەن يېقىن مۇناسىۋىتى بولۇش، دۆلەت خەۋپسىزلىكىگە تەھدىت شەكىللەندۈرۈش ۋە زوراۋانلىققا كۈشكۈرتۈش قاتارلىق 37 خىل ئايرىم – ئايرىم جىنايەت بىلەن ئەيىبلەنگەن ئىدى.
سەئۇدى ئەرەبىستان كىشىلىك ھوقۇق نۇقتىسىدىن مەسلىسى تولىمۇ ئېغىر بىر دۆلەت ھېسابلىنىدۇ. بولۇپمۇ تەخت ۋارىسى شاھزادە مۇھەممەد بىن سەلمان سىياسەت سەھنىسىگە چىققاندىن كېيىن، سەئۇدى ئەربىستاننىڭ ئالدىنقى قاتاردىكى پائالىيەتچىلىرى، ژۇرنالىستلار ۋە دىنىي زاتلارنى تۇتقۇن قىلىش باشلانغان ئىدى.
سەلمان ئەل ئەۋدەنىڭ دېلوسى ئەسلىدە ئۆتكەن يىلى 10 - ئۆكتەبىردە سوت قىلىنىشى كېرەك بولۇپ، بىراق دەسلە پتە سوتنىڭ ۋاقتى 30 – ئۆكتەبىرگە تارتىلغان، كېيىن 27 – نۇيابىرغا، ئاندىن 2020 – يىلى 30 – يانۋارغا كېچىكتۈرۈلگەن ئىدى.