تەيۋەنلىك يۇقىرى دەرىجىلىك ھەربىي ئەمەلدارلار ئولتۇرغان تىك ئۇچار ئايروپىلان چۈشۈپ كەتتى

تەيۋەندە ھەربىي ئەمەلدارلار ئولتۇرغان بىر تىك ئۇچار ئايروپىلان چۈشۈپ كېتىپ، تەيۋەن ئارمىيەسى باش ئىشتاب باشلىقى شېن يىمىڭ ھاياتىدىن ئايرىلدى.

1333296
تەيۋەنلىك يۇقىرى دەرىجىلىك ھەربىي ئەمەلدارلار ئولتۇرغان تىك ئۇچار ئايروپىلان چۈشۈپ كەتتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تەيۋەن مەركىزىي خەۋەر ئاگېنتلىقىنىڭ مۇداپىئە مىنىستىرلىقىدىن ئىگىلىگەن ئۇچۇرىغا ئاساسەن بەرگەن خەۋىرىدە، قازادا ئارمىيە باش ئىشتاب باشلىقى شېن يىمىڭ ۋە ھاۋا ئارمىيەسى قوماندانىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان 8 كىشى جېنىدىن ئايرىلغان.

خەۋەردە، UH-60M Black Hawk تىپلىق تىك ئۇچار ئايروپىلاننىڭ يېڭى تەيبىگە قاراشلىق ۋۇلائى ناھىيەسى تاغلىق رايونىدا چۈشۈپ كەتكەنلىكى ئەسكەرتىلدى.

بۈگۈن سەھەردە مەيدانغا كەلگەن قازادىن كېيىن تىك ئۇچار ئايروپىلاندىكى 13 كىشىنىڭ 5 ىنىڭ سالامەت قۇتقۇزۇۋېلىنغانلىقى قەيت قىلىنغان خەۋەردە، تىك ئۇچار ئايروپىلاننىڭ تاغلىق رايونغا چۈشۈپ كېتىشتىن ئىلگىرى شۇ جاي ۋاقتى سائەت 8 دىن 7 مىنۇت ئۆتكەندە راداردىن يوقاپ كەتكەنلىكى بىلدۈرۈلدى.

Black Hawk تىپلىق تىك ئۇچار ئايروپىلاننىڭ خىتاي يېڭى يىلىدىن ئىلگىرى تەپتىش خىزمەتلىرى دائىرىسىدە تەيبىدىن شىمالدىكى يىلان شەھىرىگە قاراپ كېتىۋاتقانلىقى قەيت قىلىندى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر