ب د ت شىمالىي كورېيەنىڭ باياناتىنىڭ ئەندىشە ياراتقانلىقىنى بىلدۈردى

بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى (ب د ت)، شىمالىي كورېيەنىڭ باشقۇرۇلىدىغان بومبا سىناقلىرىغا ئالاقىدار ۋاقىتلىق توختاپ تۇرۇش قارارىنىڭ مۇددىتىنىڭ ئاخىرلاشقانلىقىنى ئېلان قىلىشىنىڭ چوڭقۇر ئەندىشە پەيدا قىلغانلىقىنى ئۇقتۇردى.

1333563
ب د ت شىمالىي كورېيەنىڭ باياناتىنىڭ ئەندىشە ياراتقانلىقىنى بىلدۈردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ب د ت باش كاتىپلىقى مەتبۇئات ئىشلىرى ئىشخانىسى بۇ ھەقتە بايانات بېرىپ، ب د ت باش كاتىپى ئانتونىئو گۇتېررېسنىڭ، ب د ت  خەۋپسىزلىك كېڭىشىنىڭ مۇناسىۋەتلىك ھۆججەتلىرىنىڭ روھىغا ئاساسەن، شىمالىي كورېيەنىڭ بومبا سىناق قىلماسلىقىنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقىنى ئېيتقانلىقىنى بىلدۈردى.

باياناتتا، «يادرو قوراللىرىنىڭ كېڭىيىپ كېتىشىنىڭ ئالدىنىڭ ئېلىنىشى دۇنيا يادرو بىخەتەرلىكىنىڭ ئاساسىي تۈۋرۈكى بولۇپ، مۇھاپىزەت قىلىنىشى كېرەك» دېگەن ئىبارىلەرگە ئورۇن بېرىلدى.

دىپلوماتىك مۇناسىۋەتلەرنىڭ ئۈزۈل - كېسىل تىنچلىق ئورنىتىشنىڭ بىردىنبىر چارىسى ئىكەنلىكى تەكىتلەنگەن باياناتتا، باش كاتىپنىڭ تەرەپلەر ئارىسىدا كورېيە يېرىم ئارىلىنىڭ يادرو قوراللىرىدىن خالىيلاشتۇرۇلۇشىغا ئىمكانىيەت يارىتىپ بېرىدىغان بىر دىيالوگنىڭ قايتىدىن باشلىنىشىنى قوللايدىغانلىقى قەيت قىلىندى.

شىمالىي كورېيە بىلەن ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى ئارىسىدا فېۋرال ئېيىدىن بۇيان ئاقساق ھالەتتە بولسىمۇ داۋاملىشىۋاتقان يادرو سۆھبەتلىرى، شىۋېتسىيەدە 5 – ئۆكتەبىردە ئۆتكۈزۈلگەن خىزمەت يىغىنىدىن كېيىن توختاپ كەتكەنىدى.

شىمالىي كورېيە لىدىرى كىم جوڭئۇن، سۆھبەتلەرنى قايتىدىن باشلاش ئۈچۈن ئامېرىكا تەرەپكە 2019 – يىلىنىڭ ئاخىرىغىچە كونكېرت تەكلىپلەرنى سۇنۇش مۆھلىتى بەرگەن، ئەكسىچە بولغاندا، يادرو سىناقلىرىنى ۋە قىتئەلەرئارا باشقۇرۇلىدىغان بومبىلارنى سىناق قىلىشنى داۋاملاشتۇرىدىغانلىقلىرىنى ئېيتىپ ئاگاھلاندۇرغانىدى.

كىم جوڭئۇن ئامېرىكىغا بېرىلگەن مۆھلەت توشقاندىن كېيىن تۈنۈگۈن بايانات بېرىپ، ئامېرىكىنى ئۆزلىرىنى سىناپ كۆرۈش بىلەن ئەيىبلىگەن، دۇنيانىڭ يېقىن كېلەچەكتە دۆلىتى ئىشلەپچىقىرىدىغان يېڭى ئىستراتېگىيەلىك قوراللارغا شاھىت بولىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەنىدى.

 


خەتكۈچ: #كورېيە , #ب د ت

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر