ئىراقلىق گېنېرال باش مىنىستىر نامزاتلىقىغا تەييار ئىكەنلىكىنى ئېلان قىلدى

ئىراق تېررورىزمغا قارشى كۈرەش ئورگىنىنىڭ سابىق باشلىقى لېيتىنانت گېنېرال ئابدۇلغەنى ئەلئەسەدى، باش مىنىستىرلىك ۋەزىپىسىنى ئۆتەشكە تەييار ئىكەنلىكىنى ئېلان قىلدى.

1332521
ئىراقلىق گېنېرال باش مىنىستىر نامزاتلىقىغا تەييار ئىكەنلىكىنى ئېلان قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئابدۇلغەنى ئەلئەسەدى قەبىلە باشلىقلىرى بىلەن ئۆتكۈزگەن ئۇچرىشىشى ئەسناسىدا باش مىنىستىرلىققا نامزات ئىكەنلىكى توغرىسىدىكى خەۋەرلەرگە ئىشارەت قىلىپ، «مەن خەلقنىڭ ئەۋلادىمەن. خەلقنىڭ تەلەپلىرىنىڭ سىرتىغا چىقالمايمەن. باش مىنىستىرلىق ئۈچۈن خەلقىمىزنىڭ بارلىق رەڭ، ئىرق ۋە مەزھەپلىرى مېنى نامزات قىلىپ كۆرسەتسە، بۇ ماڭا كۈچ بېغىشلايدۇ» دېدى ۋە سۆزىنى داۋاملاشتۇرۇپ، «خەلقكە خىزمەت قىلىش ئۈچۈن ۋەزىپە ئۆتەشكە تەييارمەن» دېگەنلەرنى قەيت قىلدى.

ئىرانغا يېقىنلىقى بىلەن تونۇلغان بىنا بىرلەشمىسىنىڭ ئەسەدىنى باش مىنىستىرلىققا نامزات كۆرسىتىدىغانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلگەنىدى.

ئىراقنىڭ دائېشقا قارشى كۈرىشىدە ئۆز دەۋرىدە ئاكتىپ رول ئوينىغان ئەسەدى، ئۆتكەن يىلى نويابىر ئېيىدا دەم ئېلىشقا چىققانىدى.

ئىراقتا 1 – ئۆكتەبىردىن بۇيان داۋاملىشىۋاتقان ھۆكۈمەتكە قارشى نامايىشلار نەتىجىسىدە باش مىنىستىر ئادىل ئابدۇلمەھدى 29 – نويابىردا ۋەزىپىسىدىن ئىستېپا بەردى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر