ھەربىي ئىسيانچى گېنېرال خەلىفە ھافتەر مىلىتانلىرىدىن 10 كىشى ئۇجۇقتۇرۇلدى
خەلقئارا ئېتىراپ قىلىدىغان لىۋىيە دۆلەتلىك بىرلەشمە ھۆكۈمىتى پايتەخت ترامبلۇستىكى توقۇنۇشلاردا ھەربىي ئىسيانچى گېنېرال خەلىفە ھافتەر مىلىتانلىرىدىن 10 كىشىنى ئۇجۇقتۇرغانلىقىنى ئېلان قىلدى.
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: لىۋىيە دۆلەتلىك بىرلەشمە ھۆكۈمىتى باياناتچىسى مۇھەممەد قانۇنى «بۇرقان ئەل غاداب» ھەربىي ھەرىكىتى قوماندانلىق مەركىزىدە ئېلان قىلغان باياناتىدا، ھافتەر قوراللىقلىرىنىڭ بىرلەشمە ئەرەب خەلىپىلىكى تەرىپىدىن تەمىنلەنگەن 4 تانكا بىلەن تىرابلۇس ئايرودورۇمى يولىدىكى ئەلفۇرۇسىيە كۆۋرىكىگە بېسىپ كەلگەنلىكىنى بىلدۈردى.
مۇھەممەد قانۇنى ھۆكۈمەت قىسىملىرىنىڭ رايونغا سوقۇنۇپ كىرگەن ھافتەر قوراللىقلىرىغا تېگىشلىك جاۋاب قايتۇرۇشى بىلەن يۈز بەرگەن توقۇنۇشتا، ھافتەرگە تەۋە 10 مىلىتاننىڭ ئۆلتۈرۈلگەنلىكىنى ۋە 12 ئاپتوموبىلنىڭ پاچاقلاپ تاشلانغانلىقىنى ئېلان قىلدى.
ھەربىي – سىياسىي ئۆزگىرىش قوزغىماقچى بولغان گېنېرال ھافتەر 4 – ئاپرىلدا پايتەخت ترابلۇسنى ئالقىنىغا كىرگۈزۈش ئۈچۈن قىسىملىرىنى ھۇجۇم قىلىشقا بۇيرىغان ۋە 48 سائەت ئىچىدە پايتەخت ترابلۇسنىڭ كونتىروللۇقىنى ئالقىنىغا كىرگۈزۈپ بولىدىغانلىقىنى جار سالغان ئىدى.
بۇنىڭغا قارىتا لىۋىيە دۆلەتلىك بىرلەشمە ھۆكۈمىتى قىسىملىرى دەرھال «بۇرقان ئەل غاداب» ناملىق ھەربىي ھەرىكىتىنى باشلىغان ئىدى.