خىتاي، رۇسىيە ۋە ئىران ئورتاق ھەربىي مانىۋېر ئۆتكۈزىدۇ

خىتاي، رۇسىيە ۋە ئىراننىڭ دېڭىز ئارمىيەلىرى «ئۇممان قولتۇقى» رايونىدا ئورتاق ھەربىي مانىۋېر ئۆتكۈزىدۇ.

1330192
خىتاي، رۇسىيە ۋە ئىران ئورتاق ھەربىي مانىۋېر ئۆتكۈزىدۇ

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: خىتاي دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتچىسى ۋۇ چيەن پايتەخت بېيجىڭدا ئۆتكۈزگەن ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا، ئۈچ دۆلەتنىڭ 27 – 30 – دېكابىر كۈنلىرى ئۇممان قولتۇقىدا ئورتاق ھەربىي مانىۋېر ئۆتكۈزىدىغانلىقىنى ئەسكەرتىش بىلەن بىر ۋاقىتتا، مانىۋېرغا، خىتاي خەلق ئازادلىق ئارمىيەسىنىڭ «شىنىڭ» ناملىق باشقۇرۇلىدىغان بومبا ئېلىپ يۇرۇپ قوغلىغۇچى پاراخوت بىلەن قاتنىشىدىغانلىقىنى، بۇنىڭدىن مەقسەتنىڭ، ئۈچ دۆلەتنىڭ دېڭىز ئارمىيەلىرى ئارا ھەمكارلىقنى يەنىمۇ كۈچەيتىش، دۇنيا دېڭىز بىخەتەرلىكى ۋە تىنچلىقىنى ئورتاق قوغداش مەسىلىسىدە ياخشى نىيەت ۋە ئۆز قۇدرىتىنى نامايەن قىلىش ئىكەنلىكىنى تەكىتلىدى.

ئىگىلىنىشىچە، «ئەدەن قولتۇقى» بىلەن «بەسرە قولتۇقى» نى بىر - بىرىگە تۇتاشتۇرىدىغان «ئۇممان قولتۇقى»، مۇھىم نېفىت ۋە تەبىئىي گاز يۆتكەش تۈگۈنى سۈپىتىدە ئىشلىتىلمەكتە ئىكەن.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر