ئىراننىڭ بىر ھەربىي ئايروپىلانى چۈشۈپ كەتتى

ئىران ھاۋا ئارمىيەسىنىڭ بىر ھەربىي ئايروپىلانى مەشىق ئۇچۇشى جەريانىدا چۈشۈپ كېتىپ، ئۇچقۇچىنىڭ جېنىدىن ئايرىلغانلىقى بىلدۈرۈلدى.

1329511
ئىراننىڭ بىر ھەربىي ئايروپىلانى چۈشۈپ كەتتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئىران ھاۋا ئارمىيەسىنىڭ بىر ھەربىي ئايروپىلانى مەشىق ئۇچۇشى جەريانىدا چۈشۈپ كېتىپ، ئۇچقۇچىنىڭ جېنىدىن ئايرىلغانلىقى بىلدۈرۈلدى.

ئىران دۆلەت تېلېۋىزىيەسىنىڭ خەۋىرىدە بىلدۈرۈلىشىچە، ئىران ھاۋا ئارمىيەسىنىڭ بىر ھەربىي ئايروپىلانى، مەشىق ئۇچۇشى جەريانىدا غەربىي شىمالدىكى ئەردەبىك ئىشتاتىغا جايلاشقان سەبالان تېغىغا چۈشۈپ كەتكەن.

ئايروپىلاننىڭ تېخنىكىلىق كاشىلا تۈپەيلىدىن چۈشۈپ كەتكەنلىكى ۋە ئۇچقۇچىنىڭ جېنىدىن ئايرىلغانلىقى قەيت قىلىندى.

ئايروپىلان ھەققىدە ھېچقانداق مەلۇمات بېرىلمىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر