ئامېرىكا سۈرىيە ھۆكۈمىتى ۋە قوللىغۇچىلىرىغا قوشۇمچە ئېمبارگو يۈرگۈزىدۇ

ئامېرىكا ئاۋام پالاتاسى سۈرىيەدە بەششار ئەسەد ھاكىمىيىتى ۋە قوللىغۇچىسى رۇسىيە بىلەن ئىراننىڭ پائالىيەتلىرىگە ياردەم بەرگەن شەخسلەر ۋە ئورۇنلارغا قوشۇمچە ئېمبارگو يۈرگۈزۈش نىشان قىلىنغان قانۇن لايىھەسىنى ماقۇللىدى.

1325642
ئامېرىكا سۈرىيە ھۆكۈمىتى ۋە قوللىغۇچىلىرىغا قوشۇمچە ئېمبارگو يۈرگۈزىدۇ

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: مەلۇماتلارغا قارىغاندا، قانۇن لايىھەسى سۈرىيەدىكى توقۇنۇشلارغا چېتىشلىق شەخسلەر ۋە ئورۇنلارغا قوشۇمچە ئېمبارگولارنى يۈرگۈزۈش ۋە پۇل – مۇئامىلە جەھەتتىن چەكلىمە قويۇشنى نىشان قىلىدىكەن.

قانۇن لايىھەسىدە، ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى خەزىنە ئىشلىرى مىنىستىرلىقىنىڭ سۈرىيە مەركەز بانكىسىنىڭ پۇل يۇيۇش مەسىلىسىدە رولىنىڭ بار – يوقلۇنىنى ئېنىقلاپ چىقىشى تەلەپ قىلىنغان بولۇپ، بۇنىڭغا ئالاقىدار ئەندىشىلەر بولغان ئەھۋال ئاستىدا، يەرلىك پۇل – مۇئامىلە ئورۇنلىرىدىن، بانكىنىڭ ئىقتىسادىي مۇناسىۋەتلىرى ھەققىدە مەلۇمات تەلەپ قىلىش ھوقۇقى بار ئىكەن.

قانۇن لايىھەسىدە قەيت قىلىنىشىچە، سۈرىيە ھۆكۈمىتىگە، ياكى سۈرىيە، رۇسىيە ۋە ئىران نامىدىن پائالىيەت ئېلىپ بېرىۋاتقان شىركەتلەرگە ياردەم بەرگەن، ۋەياكى ئۇلارغا كۆپ مىقداردا پۇل بەرگەن چەت ئەللىك شەخسلەر ۋە ئورۇنلارغا ئېمبارگو يۈرگۈزۈلىدىكەن. بۇ دائىرىدە مەزكۇر شەخسلەر ۋە ئورۇنلارنىڭ ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىغا كىرىشى مەنئىي قىلىنىدىكەن، كۆچمە ھەم كۆچمەس مۈلۈكلىرىنى باشقا جايلارغا يۆتكىشىنىڭ ئالدى ئېلىنىدىكەن. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، ئىنسانپەرۋەرلىك ياردەم ياكى دېموكراتىك ئورۇنلارغا ياردەم بېرىش مەقسىتىدە پائالىيەت ئېلىپ بېرىۋاتقان ئاممىۋى تەشكىلاتلار بۇ ئېمبارگونىڭ سىرتىدا قالدۇرۇلىدىكەن. ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنىڭ مىللىي مەنپەئەتلىرىگە خىلاپ دەپ قارىغان تەقدىردە،  پىرېزىدېنتنىڭ ئېمبارگولارنى قىسمەن ياكى تامامەن توڭلىتىپ قويۇش ھوقۇقى بار ئىكەن.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر