ياۋروپا ئىتتىپاقى سېربىيەگە يېڭى سۆھبەت ساھەسى ئاچتى

ياۋروپا ئىتتىپاقى سېربىيەنىڭ ئەزالىق مۇساپىسى دائىرىسىدە يېڭى بىر سۆھبەت ساھەسىنى ئاچتى.

1321334
ياۋروپا ئىتتىپاقى سېربىيەگە يېڭى سۆھبەت ساھەسى ئاچتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ياۋروپا ئىتتىپاقى كومىتېتى يازما بايانات ئېلان قىلىپ، ياۋروپا ئىتتىپاقى بىلەن سېربىيەلىك ئەمەلدارلارنىڭ بېلگىيەنىڭ پايتەختى بىريۇسسېلدا چاقىرىلغان سېربىيەنىڭ ياۋروپا ئىتتىپاقى ئەزالىق مۇساپىسىگە ئالاقىدار يىغىندا، «سەرمايىنىڭ ئەركىن ھەرىكەت قىلىشى» تېمىلىق 4 – سۆھبەت ساھەسىنىڭ مۇزاكىرىگە ئېچىلىشىغا قارار قىلغانلىقىنى ئۇقتۇردى.

سېربىيەنىڭ ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ شەرتلىرىگە ماسلىشىش يولىدىكى خىزمەتلىرىنىڭ يېقىندىن كۆزىتىلىۋاتقانلىقى قەيت قىلىنغان باياناتتا، سۆھبەت ساھەسىنىڭ يېپىلىشى ئۈچۈن بېلگراد دائىرىلىرىنىڭ پۇل ئاقلاش، تېررورنىڭ مالىيە مەنبەسى ۋە پۇل تۆلەش سىستېمىلىرى قاتارلىق جەھەتلەردە تېگىشلىك قەدەملەرنى تاشلىشىشىنىڭ زۆرۈر ئىكەنلىكى بىلدۈرۈلدى.

ياۋروپا ئىتتىپاقىغا ئەزا بولۇش سۆھبەتلىرىنى 2014 – يىلى باشلىغان سېربىيە، قاراداغ بىلەن بىرلىكتە ئەزالىققا ئەڭ يېقىن ئىككى بالقان دۆلىتى، دەپ قارالماقتا.

سېربىيە بىلەن ياۋروپا ئىتتىپاقى ئارىسىدا ھازىرغىچە 35 سۆھبەت ساھەسىنىڭ 18 ى ئېچىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر