ياۋروپا ئىتتىپاقىغا ئەزا دۆلەتلەرنىڭ دۆلەت ۋە ھۆكۈمەت باشلىقلىرى يىغىنى ئەتە باشلىنىدۇ

ياۋروپا ئىتتىپاقىغا ئەزا دۆلەتلەرنىڭ دۆلەت ۋە ھۆكۈمەت باشلىقلىرى يىغىنى ئەتە بېلگىيەنىڭ پايتەختى بىريۇسسېلدا يىغىن باشلىنىدۇ.

1321714
ياۋروپا ئىتتىپاقىغا ئەزا دۆلەتلەرنىڭ دۆلەت ۋە ھۆكۈمەت باشلىقلىرى يىغىنى ئەتە باشلىنىدۇ

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ياۋروپا ئىتتىپاقىغا ئەزا دۆلەتلەرنىڭ رەھبەرلىرى مۇھىت، كىلىمات ئۆزگىرىشى، تاشقى سىياسەت، ئەنگلىيەنىڭ ياۋروپا ئىتتىپاقىدىن ئايرىلىشى ۋە ئىقتىسادىي مەسىلىلەر توغرىسىدا سۆزلىشىش ئۈچۈن ئەتە بېلگىيەنىڭ پايتەختى بىريۇسسېلدا يىغىن چاقىرىدۇ.

12-، 13- دېكابىر كۈنلىرى بويىچە داۋاملىشىدىغان يىغىنغا ئەزا دۆلەتلەرنىڭ دۆلەت ۋە ھۆكۈمەت باشلىقلىرىنىڭ ئىشىتراك قىلىدۇ.

1 – دېكابىردا ۋەزىپە ئۆتكۈزۈۋالغان ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ يېڭى رەھبەرلىك ئاپپاراتىنىڭ تۇنجى قېتىملىقى يىغىنى، ياۋروپا ئىتتىپاقى كېڭىشى باشلىقى چارلېس مىچېل رىياسەتچىلىكىدە ۋە ياۋروپا ئىتتىپاقى كومىتېتى باشلىقى ئۇرسۇلا ۋون دېر لېيېننىڭ ئىشتىراكى بىلەن چاقىرىلىدۇ.


خەتكۈچ: #ياۋروپا

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر