ئىراقتىكى ئامېرىكا ھەربىي بازىسى كاتۇشا ھۇجۇمىغا ئۇچرىدى
ئىراقنىڭ سالاھىددىن ۋىلايىتىگە جايلاشقان ئامېرىكا بەلەد ھەربىي بازىسىغا كاتۇشا بىلەن ھۇجۇم قىلىندى.
1318702
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئىراق خەۋپسىزلىك تور مېدياسىنىڭ يازما باياناتىدا، بەلەد ھەربىي بازىسىغا ئىككى دانە كاتۇشا ئوقى ئېتىلغانلىقى قەيت قىلىندى.
باياناتتا، ھۇجۇمدا ھېچقانداق ئۆلۈم-يېتىم ھادىسىسى كۆرۈلمىگەنلىكى ئەسكەرتىلدى، ئەمما كىمنىڭ ھۇجۇم قىلغانلىقى توغرىسىدا مەلۇمات بېرىلمىدى.
ئىككى كۈن بۇرۇن ئەنباردىكى ئامېرىكا ئەسكەرلىرى تۇرىدىغان ئاينۇلئەرەب ھەربىي بازىسىغىمۇ راكېتامىيوت بىلەن ھۇجۇم قىلىنغان ئىدى.