ياۋروپا ئىتتىپاقىغا ئەزا 6 دۆلەت شىمالىي كورېيەنى ئەيىبلىدى

ياۋروپا ئىتتىپاقىغا ئەزا 6 دۆلەت شىمالىي كورېيەنىڭ بالىستىك باشقۇرۇلىدىغان بومبا سىناقلىرىنى داۋاملاشتۇرىشىنىڭ ئەندىشە يارىتىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرۈپ، پىيوڭياڭ ھۆكۈمىتىنىڭ ئىغۋاگەرچىلىك ھەرىكەتلىرىنى ئەيىبلىدى.

1317999
ياۋروپا ئىتتىپاقىغا ئەزا 6 دۆلەت شىمالىي كورېيەنى ئەيىبلىدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ب د ت خەۋپسىزلىك كېڭىشى شىمالىي كورېيەنىڭ 28نويابىردا ئېلىپ بارغان بالىستىك باشقۇرۇلىدىغان بومبا سىناقلىرىنى يېپىق يىغىندا مۇزاكىرىلەشتى.

ب د ت خەۋپسىزلىك كېڭىشىگە ئەزا ئەنگلىيە، فىرانسىيە، گېرمانىيە، پولشا، بېلگىيە ۋە كېڭەشكە كېلەر يىلى ئەزا بولىدىغان ئېستونىيە يىغىندىن كېيىنكى قوشما ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا بايانات ئېلان قىلىپ، شىمالىي كورېيەنىڭ بالىستىك باشقۇرۇلىدىغان بومبا سىناقلىرىنى داۋاملاشتۇرىشىنىڭ ئەندىشە يارىتىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى ۋە پىيوڭياڭ ھۆكۈمىتىنىڭ ئىغۋاگەرچىلىك ھەرىكەتلىرىنى ئەيىبلىدى.

ب د ت خەۋپسىزلىك كېڭىشنىڭ ۋاقىتلىق ئەزالىرىدىن پولشانىڭ ب د ت دا تۇرۇشلۇق دائىمىي ۋەكىلى جوننا ۋىرونېكا ياۋروپا ئىتتىپاقىغا ئەزا 6 دۆلەت نامىدىن ئورتاق بايانات ئېلان قىلىپ، شىمالىي كورېيەنىڭ ماي ئېيىدىن بۇيان 13 قېتىم بالىستىك باشقۇرۇلىدىغان بومبا سىناق قىلغانلىقىنى ۋە يادرو پىروگراممىلىرىنىمۇ داۋاملاشتۇرىۋاتقانلىقىنى ئېيتتى.

جوننا ۋىرونېكا شىمالىي كورېيەنىڭ بالىستىك باشقۇرۇلىدىغان بومبا سىناقلىرىنىڭ رايون خاراكتېرلىق مۇقىملىق ۋە بىخەتەرلىكتىن باشقا يەنە، خەلقئارانىڭ تىنچلىقىغىمۇ خەۋپ يارىتىپ، ب د ت خەۋپسىزلىك كېڭىشى قارارلىرىنى ئاياق ئاستى قىلغانلىقىنى بىلدۈردى.

ئورتاق باياناتتا، شىمالىي كورېيەگە يادرو قورالسىزلىشىش جەھەتتە ئامېرىكا بىلەن مۇزاكىرىلەرنى داۋملاشتۇرىشى كېرەكلىكى، باشقۇرۇلىدىغان بومبا سىناق قىلىشقا خاتىمە بېرىشى ۋە ئامىمىۋىي قىرغۇچى قوراللاردىن ۋاز كېچىشى لازىملىقى چاقىرىق قىلىندى.   



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر