خىتاي ئامېرىكا باش ئەلچىسىنى مىنىستىرلىققا چاقىرتتى

ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنىڭ بېيجىڭدا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى تېرري برانستاد خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىغا چاقىرتىلدى.

1314028
خىتاي ئامېرىكا باش ئەلچىسىنى مىنىستىرلىققا چاقىرتتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئامېرىكا پىرېزىدېنتى دونالد ترامپنىڭ خوڭكوڭدىكى نامايىشلار جەريانىدا كۆرۈلگەن زوراۋانلىق ۋە كىشىلىك ھوقۇقنى دەپسەندە قىلىش قىلمىشلىرىنىڭ جاۋابكارى دەپ قارالغان خىتاي ئەمەلدارلارنى جازالاشنى مەزمۇن قىلغان قانۇن لايىھەسىنى ماقۇللىشىدىن كېيىن، ئامېرىكىنىڭ بېيجىڭدا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى برانستاد خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىغا چاقىرتىلدى.

مىنىستىرلىق بايانات بېرىپ، خىتاي مۇئاۋىن تاشقى ئىشلار مىنىستىرى لى يۈچىڭنىڭ برانستادقا ترامپنڭ قانۇن لايىھەسىنى تەستىقلىشىنىڭ «خىتاينىڭ ئىچكى ئىشلىرىغا قىلىنغان ئېغىر مۇداخىلە، ئۇنىڭ ئۈستىگە خەلقئارا قانۇننىڭ دەپسەندە قىلىنىشى» دېگەنلىك بولىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەنلىكىنى ئەسكەرتتى.

لى يۈچىڭ برانستاد بىلەن كۆرۈشكەندە، ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنىڭ خىتاي بىلەن بولغان مۇناسىۋەتلىرىگە تېخىمۇ ئېغىر زىيان يەتكۈزمەسلىك ئۈچۈن، تەستىقلانغان قانۇن لايىھەسىنى ئىجرا قىلماسلىقى كېرەكلىنى بىلدۈرگەن.

خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ بۇنىڭدىن بۇرۇنقى باياناتىدا، خىتاينىڭ قانۇن لايىھەسىنىڭ ماقۇللىنىشىنى ئەيىبلەيدىغانلىقى ۋە بۇنىڭغا ئىنكاس قايتۇرىدىغانلىقى قەيت قىلىنغانىدى.

ئامېرىكا پىرېزىدېنتى دونالد ترامپ، خوڭكوڭدىكى نامايىشلاردا يۈرگۈزۈلگەن قاتتىق قوللۇق ۋە كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىلىكىنىڭ جاۋابكارى خىتاي ئەمەلدارلارغا جازا يۈرگۈزۈشنى مەزمۇن قىلغان قانۇن لايىھەسىنى ئىمزالىغانىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر