سۈرىيە ئاساسىي قانۇن كومىتېتى 25 – نويابىر كۈنى يىغىن چاقىرىدۇ

بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى سۈرىيە ئالاھىدە ۋەكىلى گېير پېدېسېن سۈرىيە ئاساسىي قانۇن كومىتېتىنىڭ 25 – نويابىر كۈنى جەنۋەدە قايتا يىغىن چاقىرىدىغانلىقىنى ئېيتتى.

1311068
سۈرىيە ئاساسىي قانۇن كومىتېتى 25 – نويابىر كۈنى يىغىن چاقىرىدۇ

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: پېدېرسېن سۈرىيە ئاساسىي قانۇن كومىتېتىنىڭ جەنۋەدىكى پائالىيەتلىرى ھەققىدە بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى خەۋپسىزلىك كېڭىشىگە دوكلات سۇنغاندا مۇنداق دېدى: «ئارىدىن بەش يىل ئۆتكەندىن كېيىن سۈرىيەلىك ھەرقايسى تەرەپلەرنىڭ تۇنجى قېتىم يۈزتۇرانە ئۇچرىشىشىنى تارىخىي ئەھمىيەتكە ئىگە ئۆزگىرىش، دېيىشكە بولىدۇ. ئىدلىتا توقۇنۇشلار ۋە زوراۋانلىق ۋەقەلىرىنىڭ قايتىدىن باشلىنىشى ئادەمنى قاتتىق ئەندىشىلەندۈرىدۇ، شۇڭا سۈرىيەدىكى مۇھىم ئاكتىيورلارنى بىر يەرگە جەم قىلىدىغان خەلقئارالىق يىغىن چاقىرىلىشى ناھايىتى زور ئەھمىيەتكە ئىگە.»



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر