ترامپ: ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ سودا چەكلمىلىرى خىتايدىنمۇ ئېغىر

ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى پىرېزىدېنتى دونالد ترامپ ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ سودا چەلىمىلىرىنىڭ كۆپ جەھەتتىن خىتايدىنمۇ ئېغىر ئىكەنلىكىنى ئېيتتى.

1305807
ترامپ: ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ سودا چەكلمىلىرى خىتايدىنمۇ ئېغىر

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ترامپ «نىيۇ يورك ئىقتىسادىي ئىشلار كۇلۇبى» يىغىنىدا قىلغان سۆزىدە ياۋروپا ئىتتىپاقى ۋە خىتاينى تەنقىد قىلدى، ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ سودا چەكلىمىلىرىنىڭ ئامېرىكىلىق ئىشلەپچىقارغۇچىلار ئۈچۈن ئادىل بولمىغانلىقىنى تەكىتلەپ مۇنداق دېدى: «ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ سودا چەكلىمىلىرى ناھايىتى قورقۇنۇچلۇق، ھەتتا كۆپ جەھەتتىن خىتايدىنمۇ ئېغىر. خىتاي بىلەن سودا كېلىشىمى تۈزۈش مەسىلىسىگە كەلسەك، خىتايلار كېلىشىم تۈزۈش ئۈچۈن ناھايىتى زور تىرىشچانلىقلارنى كۆرسىتىۋاتىدۇ، كېلىشىم تۈزۈپ تۈزمەسلىك توغرۇلۇق قارار چىقىرىش ھوقۇقى بىزدە، خىتاي بىلەن مۇھىم بىر سودا كېلىشىمى تۈزۈش ئالدىدا تۇرۇۋاتىمىز، بۇ يېقىندا ئىشقا ئېشىشى مۇمكىن.»



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر