ھىندونېزىيە جامائەت خەۋپسىزلىك ئىدارىسى باش مۇدىرى سۇماترادىكى پارتلاش ھەققىدە بايانات بەردى

جامائەت خەۋپسىزلىك ئىدارىسى باش مۇدىرى دېدى پراسېتيو، شىمالىي سۇمارتا ئۆلكىسىنىڭ پايتەختى مېداندا مەيدانغا كەلگەن ئادەم بومبا ھۇجۇمى توغرىسىدا بايانات بەردى.

1305545
ھىندونېزىيە جامائەت خەۋپسىزلىك ئىدارىسى باش مۇدىرى سۇماترادىكى پارتلاش ھەققىدە بايانات بەردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ھىندونېزىيەنىڭ سۇمارتا ئارىلىدىكى ساقچى مەركىزىگە قىلىنغان ئۆزىنى قوشۇپ پارتلىتىش خاراكتېرلىك بومبا ھۇجۇمىدا 4 نەپىرى ساقچى بولۇپ جەمئىي 6 ئادەم يارىلاندى.

جامائەت خەۋپسىزلىك ئىدارىسى باش مۇدىرى دېدى پراسېتيو بايانات بېرىپ، شىمالىي سۇمارتا ئۆلكىسىنىڭ پايتەختى مېداندا شۇ جاي ۋاقتى سائەت 8 دىن 45 مىنۇت ئۆتكەندە ھۇجۇمچىنىڭ بەدىنىگە تېڭىۋالغان بومبىنى ساقچى مەركىزىنىڭ ئاپتوموبىل توختىتىش ئورنىنىڭ دەرۋازىسى ئالدىدا پارتلاتقانلىقى، ۋەقەدە 4 نەپىرى ساقچى بولۇپ جەمئىي 6 ئادەمنىڭ يارىلانغانلىقى، ھۇجۇمچىنىڭ ئۆلگەنلىكى توغرىسىدىكى ئۇچۇرلارنى ئورتاقلاشتى.

ئىگىلىنىشىچە، ھازىرغىچە ھېچقانداق تەرەپ ھۇجۇمنىڭ جاۋابكارلىقىنى ئۈستىگە ئالمىغان بولسىمۇ، تەرەپلەر دائېش بىلەن چېتىشلىقى بولغان «جامائەتۇ ئەنسارۇددەۋلە» ناملىق تېررورلۇق تەشكىلاتىدىن گۇمانلانماقتا ئىكەن.

بۇ جەرياندا ھۇجۇمدىن كېيىن ھىندونېزىيە مەھەللىي تاراتقۇلىرىنىڭ بەزى خەۋەرلىرىدە، ھۇجۇمنىڭ ئىككى گۇماندار تەرىپىدىن سادىر قىلىنغانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلگەنىدى.

ھۇجۇم يۈز بەرگەن ساقچى مەركىزىنىڭ بىخەتەرلىك تەدبىرلىرىنى كۈچەيتكەنلىكى، ۋەقەگە ئالاقىدار تەكشۈرۈشنىڭ داۋاملىشىۋاتقانلىقى بىلدۈرۈلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر