گىرېتسىيەدە ئۇنىۋېرسىتېت ئوقۇغۇچىلىرى بىلەن ساقچىلار ئوتتۇرىسىدا توقۇنۇش يۈز بەردى

گىرېتسىيەدە ئافىنا ئىقتىساد ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ دەرسلەرنى 17 – نويابىرغىچە توختىتىش قارارىغا نارازىلىق بىلدۈرۈپ، نامايىش قىلغان ئوقۇغۇچىلارغا ساقچىلار قاتتىق مۇداخىلە قىلدى.

1304653
گىرېتسىيەدە ئۇنىۋېرسىتېت ئوقۇغۇچىلىرى بىلەن ساقچىلار ئوتتۇرىسىدا توقۇنۇش يۈز بەردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: پايتەخت ئافىناغا جايلاشقان ئافىنا ئىقتىساد ئۇنىۋېرسىتېتى كېڭىشى 11- نويابىردىن 17نويابىرغىچە دەرسلەرنى ۋاقىتلىق توختىتىش قارارى ماقۇللىغاندىن كېيىن، تەخمىنەن 100 كىشىلىك ئوقۇغۇچىلار گۇرۇپپىسىنىڭ ئۇنىۋېرسىتېتقا كىرىشكە تىرىشىشى تۈپەيلىدىن ساقچىلار بىلەن سۈركۈلۈش يۈز بەردى.

ساقچىلار ئوقۇغۇچىلارنى تارقىتىۋېتىش ئۈچۈن ياش ئاققۇزۇش گازى ۋە ئاۋاز بومبىسى ئىشلەتتى.

ساقچىلار تۈنگۈنمۇ ئۇنىۋېسىتېتتا ئېلىپ بارغان تەكشرۈۈش جەريانىدا، نۇرغۇنلىغان ماسكا، تاش ۋە كالتەكلەرنى قولغا چۈشۈرگەن ئىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر