«تۈركىيە ياۋروپانىڭ بىخەتەرلىكى  ئۈچۈن ھالقىلىق دۆلەت»

شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى باش كاتىپى ستولتېنبېرگ تۈركىيەنىڭ ياۋروپانىڭ بىخەتەرلىكىنى قوغداشتا ھالقىلىق دۆلەت ئىكەنلىكىنى ئېيتتى.

1302881
«تۈركىيە ياۋروپانىڭ بىخەتەرلىكى  ئۈچۈن ھالقىلىق دۆلەت»

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ستولتېنبېرگ گېرمانىيەنىڭ پايتەختى بېرلىندىكى كۆربېر فوندى جەمئىيىتىدە قىلغان سۆزىدە، ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ ھەربىي جەھەتتىن ياۋروپانى ئۆز ئالدىغىلا قوغدىيالمايدىغانلىقىنى، شۇڭا شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتىنىڭ ناھايىتى مۇھىملىقىنى تەكىتلەپ مۇنداق دېدى: «نورۋېگىيە، ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى، كانادا ۋە ئەنگلىيە ھەمدە جەنۇبتا تۈركىيە ياۋروپانىڭ بىخەتەرلىكىنى قوغداشتا ھالقىلىق دۆلەتلەر ھېسابلىنىدۇ. ياۋروپا ئىتتىپاقىغا ئەزا دۆلەتلەر شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى تەلەپ قىلىۋاتقان مۇداپىئە چىقىملىرىنى كۆپەيتىشى كېرەك، جۈملىدىن گېرمانىيە بۇ چىقىملارنى ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىغا ياخشىلىق بولسۇن دەپ ئەمەس، ئەكسىچە ئۆزىنىڭ بىخەتەرلىكىنى قوغداش مەقسىتىدە ئاشۇرۇشى لازىم.»

ئۇ، يەكشەنبە كۈنى «‹ Bild am Sonntag› گېزىتى» گە بەرگەن باياناتىدىمۇ، تۈركىيەنىڭ شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتىنىڭ مۇھىم ئىتتىپاقدىشى ئىكەنلىكىنى تەكىتلەپ مۇنداق دېگەنىدى: «تۈركىيە تېررورلۇق تەشكىلاتى دائېشقا قارشى  كۈرەشتە ۋە بۇ تەشكىلاتنىڭ فىزىكىلىق جەھەتتىن ۋەيران قىلىنىشىدا قەتئىي ئىرادىسىنى نامايەن قىلىپ، مۇھىم تۆھپىلەرنى قوشماقتا. ھېچقانداق بىر ئىتتىپاقداش دۆلەت تۈركىيەچىلىك كۆچمەننى قوبۇل قىلمىدى. تۈركىيە 3.6 مىليون سۈرىيەلىك كۆچمەننى باغرىغا باستى. شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتىغا ئەزا  ھېچبىر دۆلەتنىڭ تۈركىيەگە ئوخشاش تېررورلۇق ھۇجۇملىرىغا ئۇچرىغىنى يوق.»



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر