«تۈركىيە ناتودا ناھايىتى زور ئەھمىيەتكە ئىگە بىر دۆلەت»

گېرمانىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ھېيكو مائاس تۈركىيەنىڭ شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتىدا ناھايىتى زور ئەھمىيەتكە ئىگە ئىتتىپاقداش دۆلەت ئىكەنلىكىنى ئېيتتى.

1302917
«تۈركىيە ناتودا ناھايىتى زور ئەھمىيەتكە ئىگە بىر دۆلەت»

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: مائاس «بېرلىن تېمى» چېقىۋېتىلگەنلىكىنىڭ 30 – يىللىقىنى خاتىرىلەش پائالىيەتلىرى دائىرىسىدە گېرمانىيەگە زىيارەتكە كەلگەن ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مايك پومپېيو بىلەن بىرلىكتە لېيپزىگدە ئۆتكۈزگەن قوشما ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا، تۈركىيەنىڭ شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتىنىڭ مۇھىم ئەزاسى ئىكەنلىكىنى، بۇ ئەھۋالنىڭ ئەسلا ئۆزگەرمەيدىغانلىقىنى تەكىتلەپ مۇنداق دېدى: «تۈركىيە ناتودا ناھايىتى زور ئەھمىيەتكە ئىگە ئىتتىپاقداش دۆلەتتۇر.»

فىرانسىيە پىرېزىدېنتى ئېممانۇئېل ماكروننىڭ «شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتىنىڭ مېڭىسى ئۆلدى» تەرىقىسىدىكى سۆزلىرىگە قوشۇلمايدىغانلىقىنى ئەسكەرتكەن مائاس، شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتىنىڭ ياۋروپانىڭ بىخەتەرلىكىنى كاپالەت ئاستىغا ئالغانلىقىنى تەكىتلىدى.

ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مايك پومپېيو، شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتىنىڭ تارىختىن بۇيانقى ئەڭ ھالقىلىق ئىتتىپاقداشلىق تەشكىلاتلىرىدىن بىرى ئىكەنلىكىنى، بۇنىڭدىن كېيىنمۇ شۇنداق بولىدىغانلىقىنى تەكىتلەپ مۇنداق دېدى: «شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتىغا ئەزا بارلىق دۆلەتلەر ناتونىڭ يۈكىنى ئورتاقلىشىشى كېرەك.»



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر