ئامېرىكىنىڭ ئەنقەرە باش ئەلچىسى تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىغا چاقىرتىلدى

ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنىڭ ئەنقەرە باش ئەلچىسى دەيۋىد ساتتېرفىئېل ئامېرىكا ئاۋام پالاتاسىدا ماقۇللانغان قانۇن لايىھەلىرى توغرۇلۇق تۈركىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىغا چاقىرتىلدى.

1297237
ئامېرىكىنىڭ ئەنقەرە باش ئەلچىسى تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىغا چاقىرتىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى تەرىپىدىن بۇ ھەقتە ئېلان قىلىنغان باياناتتا، مۇنداق دېيىلدى: «ئامېرىكا ئاۋام پالاتىسىدا ئاۋازغا قويۇلۇپ، ماقۇللانغان، 1915 – يىلقى ۋەقەلەر توغرۇلۇق چىقىرىلغان تارىخىي ھادىسىلەرگە زىت ۋە قىلچە قانۇنىي ئاساسي بولمىغان  قارار، ھەمدە <تىنچلىق بۇلىقى> ھەربىي ھەرىكىتى بىلەن مۇناسىۋەتلىك ھالدا تۈركىيەگە بىرقاتار ئېمبارگولارنىڭ يۈرگۈزۈلۈشى نىشان قىلىنغان قانۇن لايىھەسى ھەققىدە ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنىڭ ئەنقەرە باش ئەلچىسى دەيۋىد ساتتېرفىئېل تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىمىزغا چاقىرتىلىپ، ئۇنىڭغا دۆلىتىمىزنىڭ بۇنىڭغا قارىتا نارازىلىقى بىلدۈرۈلدى.»

ئامېرىكا ئاۋام پالاتاسى تۈركىيە ھەققىدە ئارقىمۇئارقا ئىككى قانۇن لايىھەسىنى ئاۋازغا قويدى. جۈملىدىن ئاۋام پالاتاسى ئالدى بىلەن، 1915 – يىلقى ئاتالمىش ئەرمەنى دەۋالىرى ئېتىراپ قىلىنغان قانۇن لايىھەسىنى، ئاندىن، تۈركىيەگە، سۈرىيەنىڭ شىمالىي قىسمىدا بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتى  ي پ گ/پ ك ك غا قاراتقان ھەربىي ھەرىكىتى سەۋەبلىك ئېمبارگو يۈرگۈزۈش مەزمۇن قىلىنغان قانۇن لايىھەسىنى ئاۋازغا قويۇپ، ماقۇللىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر