سۈرىيە مەسىلىسىدە سۆھبەت سىرتىدا قالغان ياۋروپا چارىسىز

سۈرىيەدە كۈچ تەڭپۇڭلۇقلىرىنى ئۆزگەرتكەن تۈركىيەنىڭ ھەربىي مۇداخىلىسىدىن كېيىن، ئامېرىكا ۋە رۇسىيە بىلەن ھاسىل قىلىنغان كېلىشىم  نەتىجىسىدە كۈچ تەڭپۇڭلۇقلىرىنىڭ سىرتىدا قالغان ياۋروپا ئەللىرى قايتىدىن سۆھبەت ئۈستىلىگە ئولتۇرۇش ئۈچۈن ئىزدىنىشكە باشلىدى.

1294704
سۈرىيە مەسىلىسىدە سۆھبەت سىرتىدا قالغان ياۋروپا چارىسىز

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: «<تىنچلىق بۇلىقى> ھەربىي ھەرىكىتى» تۈپەيلى تۈركىيەگە قارشى سەلبىي پوزىتسىيە تۇتۇۋاتقان ياۋروپا ئەللىرى ئەنقەرەنىڭ سۆھبەت ئۈستىلىدە قولغا كەلتۈرگەن مۇۋەپپەقىيىتىدىن كېيىن، ئالدى بىلەن جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان بىلەن كۆرۈشۈشنى خالايدىغانلىقلىرىنى جاكارلىدى، ئارقىدىن گېرمانىيە »بىخەتەر رايون» شەكىللەندۈرۈش پىلانىنى قوللايدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

مۇتەخەسسىسلەرنىڭ قارىشىچە، بۇ تىرىشچانلىقلار سۈرىيە مەسىلىسىدە كۈچ تەڭپۇڭلۇقلىرىنىڭ سىرتىدا قالغان ياۋروپا دۆلەتلىرىنىڭ سىياسىي جەھەتتىن ھەرىكەتكە ئۆتۈشى ھېسابلىنىدىكەن.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر