رۇسىيە قىسىملىرى تۈركىيە – سۈرىيە چېگراسغا يېتىپ باردى

رۇسىيە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى تەخمىنەن 300 رۇس ھەربىي ساقچىسىنىڭ تۈركىيە – رۇسىيە چېگراسغا يېتىپ بارغانلىقلىرىنى ئۇقتۇردى.

1294736
رۇسىيە قىسىملىرى تۈركىيە – سۈرىيە چېگراسغا يېتىپ باردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: مىنىستىرلىق تەرىپىدىن بۇ ھەقتە ئېلان قىلىنغان يازما باياناتتا، تۈركىيە بىلەن رۇسىيە ئوتتۇرىسىدا سوچىدا ھاسىل قىلىنغان كېلىشىم دائىرىسىدە ئەۋەتىلگەن زاپاس قىسىملارنىڭ تۈركىيە – رۇسىيە چېگراسىغا يېتىپ بارغانلىقى، بۇ قىسىملارنىڭ بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتى  ي پ گ/پ ك ك ئۇنسۇرلىرى ۋە قورال – ياراغلىرىنىڭ سۈرىيە – تۈركىيە چېگراسىدىن 30 كىلومېتىر سىرتىغا چىقىرىلىشىغا ياردەم بېرىدىغانلىقى تەكىتلىنىپ مۇنداق دېيىلدى: «چېچىنىيە جۇمھۇرىيىتىدىكى رۇسىيە ئارمىەسىدىن 300 كىشىلىك ھەربىي ساقچى ئالاھىدە ۋەەزىپىلەرنى ئۆتەش مەقسىتىدە سۈرىيەگە يېتىپ باردى. رۇسىيە سۈرىيەدىكى ھىمەيمىم ھاۋا ئارمىيەسى بازىسىغا 20 دىن ئارتۇق <قاپلان> ۋە <تەيفېڭ> ناملىق بىرونىۋىكلارنى ئەۋەتىدۇ.»



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر