«پ ي د/ي پ گ چېكىنمىسە تۈركىيە ئارمىيەسى ئۇلارنى تىرىپىرەن قىلىىۋېتىدۇ»

رۇسىيە پ ي د/ي پ گ چېكىنمىسە تۈركىيە ئارمىيەسىنىڭ ئۇلارنى تىرىپىرەن قىلىۋېتىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

1293972
«پ ي د/ي پ گ چېكىنمىسە تۈركىيە ئارمىيەسى ئۇلارنى تىرىپىرەن قىلىىۋېتىدۇ»

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: كىرېمىل سارىيى باياناتچىسى دمىترى پېسكوۋ، تۈركىيە بىلەن رۇسىيە ئوتتۇرىسىدا  ھاسىل قىلىنغان كېلىشىم دائىرىسىدە ي پ گ / پ ك ك نىڭ سۈرىيەدىن چېكىنىپ چىقىپ كېتىشى لازىملىقىنى، ئەگەر پ ي د/ي پ گ تېررورچىلىرى چېكىنىپ چىقىپ كەتمىگەن تەقدىردە، سۈرىيەنىڭ چېگرا بىخەتەرلىكىنى قوغداۋاتقان رۇسىيە ھەربىي ساقچىلىرىنىڭ چېكىنىشكە مەجبۇر بولىدىغانلىقىنى تەكىتلەپ مۇنداق دېدى: «رۇسىيە بىلەن تۈركىيە ئوتتۇرىسىدا ھاسىل قىلىنغان كېلىشىم دائىرىسىدە پ ي د/ي پ گ سۈرىيەنىڭ شىمالىي قىسمىدىن چېكىنىپ چىقىپ كېتىشى لازىم، ئەگەر چېكىنمىسە، تۈركىيە ئارمىيەسى ئۇلارنى تىرىپىرەن قىلىۋېتىدۇ.»



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر