ب د ت: تۈركىيە – رۇسىيە ئوتتۇرىسىدا تۈزۈلگەن كېلىشىمدىن خۇرسەنمىز

بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى باش كاتىپىنىڭ باياناتچىلىرىدىن فەرھان ھەق تۈركىيە – رۇسىيە ئوتتۇرىسىدا ھاسىل قىلىنغان كېلىشىمدىن خۇرسەن ئىكەنلىكلىرىنى بىلدۈردى.

1293960
ب د ت: تۈركىيە – رۇسىيە ئوتتۇرىسىدا تۈزۈلگەن كېلىشىمدىن خۇرسەنمىز

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: فەرھان ھەق كۈندىلىك مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنىدا، تۈركىيە بىلەن رۇسىيە ئوتتۇرىسىدا سۈرىيەنىڭ شىمالىي قىسمى مەسىلىسى توغرۇلۇق ھاسىل قىلىنغان كېلىشىم ھەققىدە توختالغاندا، رايوندىكى ئۆزگىرىشلەر ۋە تۈركىيە – رۇسىيە ئوتتۇرىسىدا ھاسىل قىلىنغان كېلىشىمنى يېقىندىن كۆزىتىۋاتقانلىقلىرىنى تەكىتلەپ مۇنداق دېدى: «باش كاتىپ ئانتونىئو گۇتېررېس سۈركىلىشنى ئازايتىش ۋە پۇقرالارنى قوغداش ئۈچۈن بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى ئەھدىنامىسى ۋە خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇق دائىرىسىدىكى ھەر تۈرلۈك تىرىشچانلىقنى پۈتۈن كۈچى بىلەن قوللايدۇ. مۇساپىرلارنىڭ ئۆز يۇرتىغا قايتىشىنى ئۇلارنىڭ ئۆز ئىختىيارلىقى، بىخەتەر ۋە شان – شەرىپى قوغدالغان ھالدا ئىشقا ئاشۇرۇلۇشى كېرەك. بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى سۈرىيە ئالاھىدە ۋەكىلى گېير پېدېرسېن ئاساسىي قانۇن كومىتېتى بىلەن 30 – ئۆكتەبىر كۈنى  يىغىن چاقىرىدۇ.»



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر