مېركېل: تۈركىيە مۇساپىرلار مەسىلىسىدە ئېغىر يۈكنى يەلكىسىگە ئالماقتا

گېرمانىيە باش مىنىستىرى ئانگېلا مېركېل، تۈركىيەنىڭ مۇساپىرلار مەسىلىسىدە ئېغىر يۈكنى ئۈستىگە ئالغانلىقىنى ئېيتتى.

1289750
مېركېل: تۈركىيە مۇساپىرلار مەسىلىسىدە ئېغىر يۈكنى يەلكىسىگە ئالماقتا

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: فىرانسىيە پىرېزىدېنتى ئېمانۇئېل ماكرون بىلەن گېرمانىيە باش مىنىستىرى ئانگېلا مېركېل، فىرانسىيەنىڭ تولۇسې شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلگەن فىرانسىيە – گېرمانىيە قوشما مىنىستىرلار كابىنېتى يىغىنىدىن كېيىن مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنى ئۆتكۈزدى.

گېرمانىيە باش مىنىستىرى ئانگېلا مېركېل سۆز قىلىپ، «تۈركىيەنىڭ 3 يېرىم مىليون مۇساپىرغا ساھىبخانلىق قىلىشىغا يۇقىرى باھا بېرىمىز. بۇ مەسىلىنىڭ ناھايىتى مۇھىم ئىكەنلىكىنى ۋە تۈركىيەنىڭ ئېغىر يۈكنى يەلكىسىگە ئالغانلىقىنى بىلىمىز» دېدى ۋە تۈركىيەنىڭ (جەنۇبىي چېگراسىدا ھاسىل قىلىنماقچى بولغان تېررور كارىدورىنى يوقىتىپ تاشلاپ، رايونغا تىنچلىق ۋە خاتىرجەملىك ئېلىپ كېلىش مەقسىتىدە باشلىغان) تىنچلىق بۇلىقى ھەربىي ھەرىكىتىنىڭ ئاخىرلىشىشى كېرەكلىكىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، بۇ ھەربىي ھەرىكەتنىڭ دائېش تېررورلۇق تەشكىلاتىنىڭ قايتىدىن ئوتتۇرىغا چىقىشىغا سەۋەب بولۇش ئېھتىمالى بارلىقىنى ئىلگىرى سۈردى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر