جەنۇبىي كورېيەدە ئەدلىيە مىنىستىرى چۇ كۇك ئىستېپا بەردى

جەنۇبىي كورېيەدە ئائىلىسىنىڭ نامى چىرىكلىك دېلوسىغا چېتىلغان ئەدلىيە مىنىستىرى چۇ كۇك ئىستېپا بەردى.

1287591
جەنۇبىي كورېيەدە ئەدلىيە مىنىستىرى چۇ كۇك ئىستېپا بەردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: جەنۇبىي كورېيە ئەدلىيە مىنىستىرى چۇ كۇك ئېلان قىلغان باياناتىدا، ۋەزىپىسىدىن ئېىستىپا بېرىشىنىڭ سەۋەبى، تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ ئائىلىسى ھەققىدە ئىقتىسادى جىنايەت ۋە ئاكادېمىك ساھەدە ئايرىمچىلىق بىلەن ئەيىبلەپ تەكشۈرۈش باشلىغانلىقى ئىكەنلىكىنى ئېيتتى.

مىنىستىر چۇ كۇك جەنۇبىي كورېيەنىڭ ئەدلىيە سىتېمىسىدا ئىسلاھاتلارنىڭ ئىشقا ئېشىشى ئۈچۈن كۆپ تىرىشچانلىق كۆرسەتكەن بولۇپ، ئۇ يەنە: «ئائىلەم ھەققىدە باشلانغان تەكشۈرۈش سەۋەبىدىن خەلقتىن كەچۈرۈم سورايمەن. بىر ئەدلىيە مىنىسىتىرى بولۇش سۈپىتىمىز ئىسلاھاتلارنىڭ ئىشقا ئىشىشى ئۈچۈن قولۇمدىن كېلىشىچە تىرىشتىم. ئەمدىلىكتە مېنىڭ رولۇم ئاخىرلاشتى» دېدى.

چۇ كۇك ھەممە ئىشنى بىر چەتكە قايرىپ قويۇپ، بۇنىڭدىن كېيىنكى ۋاقتىنى قېيىن ۋە ئازابلىق كۈنلەرنى باشتىن كەچۈرىۋاتقان ئائىلىسىگە كۆڭۈل بولۈش بىلەن ئۆتكۈزىدىغانلىقىنى تەكىتلىدى.

پايتەخت سېئۇل ھەپتىلەردىن بۇيان مىنىستىر چۇ كۇكنى قوللايدىغان ھۆكۈمەت تەرەبدارلىرى بىلەن چۇ كۇكنىڭ ئىستېپا بېرىشىنى تەلەب قىلىۋاتقان ئۆكتىچىلەرنىڭ نامايىشلىرىغا سەھنە بولۇپ كەلمەكتە ئىدى.

چۇ كۇك سىنتەبىردە ئەدلىيە مىنىستىرلىقىغا تەيىنلەنگەن بولۇپ، ئۇنىڭ ئايالى، قىزى ۋە ئوغلى چىرىكلىك، قائىدە قانۇنغا بوي سۇنماسلىق بىلەن ئەيىبلىنىپ تەپتىش مەھكىمىسىدە بىر قانچە قېتىم سوراق سوئال قىلىنغان ئىدى. 

چۇ كۇكنىڭ ئايالىنىڭ ئۆزى ئوقۇتقۇچىلىق قىلىۋاتقان ئۇنىۋېرسىتېتقا قىزىنى ئايرىم مۇئامىلە بىلەن ئورۇنلاشتۇرغانلىقى ۋە ئائىلىۋىي سېلىنمىلاردا چىرىكلىك قىلغانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلگەن ئىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر