رۇسىيە خەۋپسىزلىك كېڭىشىنىڭ «<تىنچلىق بۇلىقى> ھەربىي ھەرىكىتى» نى توختىتىش چاقىرىقىنىڭ ئالدىنى ئالدى

رۇسىيە بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى خەۋپسىزلىك كېڭىشىنىڭ سۈرىيەنىڭ شەرقىي شىمالىدا ئېلىپ بېرىۋاتقان « ھەربىي ھەرىكىتى» نى توختىتىش چاقىرىقى ئورۇن ئالغان ئورتاق باياننامىنىڭ ئېلان قىلىنىشىنىڭ ئالدىنى ئالدى.

1286815
رۇسىيە خەۋپسىزلىك كېڭىشىنىڭ «<تىنچلىق بۇلىقى> ھەربىي ھەرىكىتى» نى توختىتىش چاقىرىقىنىڭ ئالدىنى ئالدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: مەلۇماتلارغا قارىغاندا، رۇسىيە ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى تەرىپىدىن بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى خەۋپسىزلىك كېڭىشىگە سۇنۇلغان، <تىنچلىق بۇلىقى> ھەربىي ھەرىكىتىنى توختىتىش چاقىرىقى ئورۇن ئالغان ۋە تۈركىيەنىڭ بىخەتەرلىك ئەندىشىلىرىنى دىپلوماتىك يوللار ئارقىلىق ھەل قىلىش مەقسەت قىلىنغان ئورتاق باياننامىنىڭ ئېلان قىلىنىشغا يول قويمىغان.

باياننامىدە، تۈركىيەنىڭ بۇ ھەرىكىتىدىن ۋە بۇ ھەرىكەت كەلتۈرۈپ چىقارغۇسى ئىنسانىي ۋە بىخەتەرلىك تەرەپلىرىدىن ئەندىشە قىلىنىۋاتقانلىقى، جۈملىدىن  بۇ ھەرىكەتنىڭ تېررورلۇق تەشكىلاتى دائېشقا قارشى  كۈرەشتە قولغا كەلتۈرۈلگەن ئالغا ئىلگىرىلەشلەرگە زىيان يەتكۈزىدىغانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلگەنىدى.

سۈرىيەلىك كۆچمەنلەرنىڭ ئۆز يۇرتىغا بىخەتەر، شان – شەرىپى قوغدالغان ۋە خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇق ئەھدىنامىسىگە رىئايە قىلىنغان ھالدا قايتىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇشنىڭ زۆرۈرلۈكى تەكىتلەنگەن باياننامىدە، بارلىق تەرەپلەر پۇقرالارنى قوغداش، توسالغۇسىز، بىخەتەر ۋە دائىمىي ئىنسانپەرۋەرلىك ياردەم پائالىيەتلىرىنى كەڭ قانات يايدۇرۇشقا چاقىرىق قىلىنغانىدى. سۈرىيەنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقى، مۇستەقىللىقى بىرلىكى ۋە زېمىن پۈتۈنلۈكىنى قوغداشنىڭ زۆرۈرلۈكى قەيت قىلىنىش بىلەن بىر ۋاقىتتا، سۈرىيە كىرىزىسىنى ھەربىي يوللار ئارقىلىق ئەمەس، ئەكسىچە بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى خەۋپسىزلىك كېڭىشىنىڭ 2254 – نومۇرلۇق قارارىغا ئاساسەن ھەل قىلىنىشىنىڭ مۇھىملىقى ئەسكەرتىلگەنىدى.

ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى سۇنغان باياننامىنىڭ ئالدىنقى كۈنى سۇنغان باياننامىغا ئوخشىماسلىقى دىققەت قوزغىدى. ئالدىنقى كۈنىدىكى باياننامىدە، تۈركىيەنىڭ «<تىنچلىق بۇلىقى> ھەربىي ھەرىكىتى» نى توختىتىش چاقىرىقى يوق ئىدى. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، تۈركىيەنىڭ بىخەتەرلىك ئەندىشىلىرىنىڭ قانۇنلۇق ئىكەنلىكى تەكىتلەنگەنىدى.

ئىگىلىنىشىچە، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى خەۋپسىزلىك كېڭىشىنىڭ ئورتاق باياننامە ئېلان قىلالىشى ئۈچۈن 15 ئەزا دۆلەتنىڭ بىردەك ئاۋاز بىلەن قارار ماقۇللىشىغا توغرا كېلىدىكەن.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر