ئىران تۈركىيە - ئىراق چېگراسىدا ھەربىي مانېۋىر ئۆتكۈزۈشنى باشلىدى

ئىران ئارمىيەسى دۆلىتىنىڭ غەربىي شىمالىدىكى ئۇرۇمىيە شەھىرى تاغلىق رايونىدا ھەربىي مانېۋىر ئۆتكۈزۈشنى باشلىدى.

1284744
ئىران تۈركىيە - ئىراق چېگراسىدا ھەربىي مانېۋىر ئۆتكۈزۈشنى باشلىدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئىران ئارمىيەسىنىڭ ئىنتېرنېت سەھىپىسىدە ئېلان قىلىنغان يازما بايانات كۆرسىتىلىشىچە، ئىران ئارمىيەسى قۇرۇقلۇق قىسىملىرى قوماندانلىقىنىڭ تۈركىيە – ئىراق چېگراسىدىكى ئۇرۇمىيە شەھىرى تاغلىق رايونىدا «بىر نىشان، بىر ئوق» دېگەن نام ئاستىدا مانېۋىر ئۆتكۈزۈشنى باشلىغان.

باياناتتا، مانېۋىرغا تىك ئۇچار ئايروپىلانلارنىڭ ياردىمى ئاستىدا چارلىغۇچى پىيادە قىسىملار بىلەن جەڭچى قىسىملارنىڭ قاتناشقانلىقى قەيت قىلىندى.

بۇنىڭدىن ئىلگىرى ئۆتكۈزۈلىدىغانلىقى ئېلان قىلىنمىغان مەزكۇر مانېۋىرنىڭ قانچە كۈن داۋاملىشىدىغانلىقى توغرىسىدا مەلۇمات بېرىلمىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر