ئامېرىكا ئەسكەرلىرى تېل ئابياد ۋە راسۈل ئاين رايونلىرىدىن چېكىنىشكە باشلىدى

ئامېرىكانىڭ سۈرىيە ئىچكى ئۇرۇشىغا قاتنىشىشى 2014-يىلى سېنتەبىر ئېيىدا تېررورلۇق تەشكىلاتى دائېشنى ھاۋادىن بومباردىمان قىلىش بىلەن باشلاندى.

1283267
ئامېرىكا ئەسكەرلىرى تېل ئابياد ۋە راسۈل ئاين رايونلىرىدىن چېكىنىشكە باشلىدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئامېرىكا بارغانسېرى يۈكسەلگەن تېررورلۇق تەشكىلاتى دائېشنىڭ تەھدىتىگە قارشى بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتى ي پ گ|پ ك ك نى قۇرۇقلۇق كۈچىگە ئايلاندۇردى. ي پ گ|پ ك ك ئەينى ۋاقىتتا باشلانغان ھاۋا ياردىمى بىلەن، 2015-يىلى يانۋاردا ئاينۇلئارابتىن (كوبانى)، 2015-يىلى ئىيۇلدا تېل ئابيادتىن دائېشنى قوغلاپ چىقىرىپ، ئۇ يەرلەرنى ئىشغال قىلدى.

ئامېرىكا ئارمىيەسى ئەنقەرەنىڭ بارلىق ئاگاھلاندۇرۇشلىرىغا قارىماي، ي پ گ|پ ك ك نىڭ زورىيىشىغا ۋە كېڭىيىشىگە پۈتۈن كۈچى بىلەن ياردەم قىلدى. ي پ گ|پ ك ك 2015-يىلىنىڭ ئاخىرىدا فىرات دەرياسىنىڭ غەربىي قىرغىقىغا ئۆتتى.

ئامېرىكا بۇ جەرياندا ھاسەكەنىڭ رۈمەيلان ناھىيەسىدە بىر ھاۋا ئارمىيە بازىسى قۇردى. 2016-يىلى ئاپرېلدىن باشلاپ قۇرۇقلۇق يولى بىلەن ئىراقتىن ۋە ھاۋا يولى بىلەن رۈمەيلانغا ھەربىي ئەشيالارنى توشۇشقا باشلىدى. ي پ گ|پ ك ك مىڭلارچە ئېغىر تىپلىق قوراللار، ھەربىي ئاپتوموبىللار، تانكا ئاتارلار ۋە باشقا ھەربىي ئەشيالارنىڭ بېرىلىشى سايىسىدا، ئىككى يىل ئىچىدە سۈرىيەنىڭ تەخمىنەن ئۈچتىن بىرىنى ئىشغال قىلدى. ئامېرىكامۇ ي پ گ|پ ك ك ئىشغال قىلىۋالغان يەرلەردە ھەربىي بازىلارنى قۇردى.

ئامېرىكا ھاسەكە، راققە، دېيرىزور، مۇنبىچ، تېل ئابياد رايونلىرىدا جەمئىي 18 ھەربىي نۇقتا تەسىس قىلدى ۋە بۇ يەرلەردە تەخمىنەن 2 مىڭ ئەتراپىدا ئەسكەر ئورۇنلاشتۇردى.

ئامېرىكا 2017-يىلى ئۆكتەبىردە راققە ۋە دېيرىزورنىڭ كۆپ قىسمىدىن دائېشنى قوغلاپ چىقاردى. بۇ مەزگىلدىن كېيىن ھەربىي بازا قۇرۇش ھەرىكىتىنى تېزلەشتۈردى.

ئامېرىكا پىرېزىدېنتى دونالد ترامپ ئۆتكەن يىلى (2018) سۈرىيەدىكى ئەسكەرلىرىنى چېكىندۈرۈشنى خالايدىغانلىقىنى ئېلان قىلدى، بىراق ھازىرغىچە سۈرىيەدىكى ھەربىي مەجۇدىيىتىنى داۋاملاشتۇردى.

تېل ئابياد ۋە راسۈل ئايندىكى ھەربىي نۇقتىلاردىن ئامېرىكا ئەسكەرلىرى چېكىنىشكە باشلىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر