دونالد ترامپ نەنسىي پېلوسىنى «سەپرا» ۋە ئادام سىچىفنى «ساختىپەز» دېدى

ئامېرىكا پىرېزىدېنتى دونالد ترامپ ئاۋام پالاتاسى باشلىقى نەنسىي پېلوسى ۋە ئىستىخبارات كومىتېتى باشلىقى ئادام سىچىفنى ۋەتەنگە ئاسىيلىق قىلىش بىلەن ئەيىبلىدى.

1283157
دونالد ترامپ نەنسىي پېلوسىنى «سەپرا» ۋە ئادام سىچىفنى «ساختىپەز» دېدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئامېرىكا پىرېزىدېنتى دونالد ترامپ دېموكراتچىلارنىڭ كونتىروللۇقىدىكى ئاۋام پالاتاسى باشلىقى نەنسىي پېلوسى ۋە ئىستىخبارات كومىتېتى باشلىقى ئادام سىچىفنىڭ ۋەتەنگە ئاسىيلىق قىلغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، بۇ كىشىلەرنىڭ ۋە بۇ ئىككىسىگە ياردەم قىلغان ھەممەيلەننىڭ ۋەزىپىسىدىن ئېلىپ تاشلىنىشى كېرەكلىكى ھەققىدە چاقىرىق ئېلان قىلدى.

دونالد ترامپ پىرېزىدېنتلىق ۋەزىپىسىنىڭ ئەمەلدىن قالدۇرۇلۇشى ئۈچۈن تەكشۈرۈش باشلىغان ئاۋام پالاتاسىنىڭ مۇھىم شەخسلىرىدىن نەنسىي پېلوسى ۋە ئادام سىچىفنى تۋىتتېر ھېسابىدا تەنقىد قىلىشنى داۋاملاشتۇردى.

دونالد ترامپ نەنسىي پېلوسى «سەپرا» ۋە ئادام سىچىفنى بولسا، «ساختىپەز» دېدى ۋە نەنسىي پېلوسى بىلەن ئادام سىچىفنىڭ پالاتاغا ئېيتقان يالغانلىرىنى بىلىدىغانلىقىنى تەكىتلەپ: «بۇنىڭ ھەممىسى سەپرا نەنسىينى ھېج بولمىغاندا سىچىفقا ئوخشاشلا جىنايەتچى ھالغا كەلتۈرىدۇ. قاباھەت ۋە ھەتتا ۋەتەنگە ئاسيىلىق قىلىش جىنايىتى ئۆتكۈزگەن بولىدۇ. پەرىزىمچە بۇنىڭ مەنىسى، ئۇلار بىلەن بىرلىكتە ھەرىكەت قىلغان ھەممەيلەن بىلەن بىرگە نەنسىي ۋە سىچىفنىڭمۇ ۋەزىپىسىدىن ئېلىپ تاشلىنىشى كېرەكلىكىنى بىلدۈرىدۇ» دېدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر