بوكوھارام بىر ھەربىي گازارمىغا ھۇجۇم قىلدى

بوكوھارام تېررورلۇق تەشكىلاتىنىڭ نىگېرىيەنىڭ شەرقىي شىمالىدىكى ھۇجۇمىدا 16 ئادەم جېنىدىن ئايرىلدى.

1282556
بوكوھارام بىر ھەربىي گازارمىغا ھۇجۇم قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: نىگېرىيە دۆلەت مېدىياسىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، ئىسمىنى ئاشكارىلاشنى خالىمىغان بىر ھەربىي ئەمەلدار، تەشكىلاتنىڭ بورنو ئۆلكىسىگە قاراشلىق مائۇرو يېزىسىدىكى ھەربىي گازارمىغا ھۇجۇم قىلغانلىقىنى، ۋەقەدە 11 نەپىرى ئەسكەر بولۇپ جەمئىي 16 ئادەمنىڭ جېنىدىن ئايرىلغانلىقىنى، كۆپ ساندا ئادەمنىڭ يارىلانغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

يەنە بىر تەرەپتىن نىگېرىيە ھاۋا ئارمىيەسى باياناتچىسى بىرىگادا گېنېرالى ئېبىكۇنلې دارامولا، تەشكىلاتنىڭ چاد چۆلىدىكى ئورۇنلىرىغا ھاۋادىن زەربە بېرىلگەنلىكىنى ئېيتتى.

ئۇ، مەزكۇر ھەرىكەت ئارقىلىق تەشكىلاتنىڭ لاگېرىنىڭ يوقىتىپ تاشلانغانلىقىنى، كۆپ ساندا تەشكىلات ئەزاسىنىڭ بىر تەرەپ قىلىنغانلىقىنى سۆزلىرىگە ئىلاۋە قىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر