ئىراقتا نامايىشلاردا ئۆلگەنلەرنىڭ سانى كۆپەيدى

ئىراقنىڭ پايتەختى باغداد ۋە دۆلەتنىڭ جەنۇبىي قىسمىغا جايلاشقان شەھەرلەردە «چىرىكلىك، ئىشسىزلىق ۋە دۆلەت خىزمىتىنىڭ بولماسلىقى» غا نارازىلىق بىلدۈرۈش سەۋەبىدىن باشلانغان نامايىشلاردا ھاياتىدىن ئايرىلغانلارنىڭ سانى 35 كە يەتتى.

1281768
ئىراقتا نامايىشلاردا ئۆلگەنلەرنىڭ سانى كۆپەيدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: دوختۇرخانا مەنبەلىرىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئىراقتا 1 – ئۆكتەبىردىن بۇيان ئۈزلۈكسىز داۋاملىشىۋاتقان نامايىشلاردا ھاياتىدىن ئايرىلغانلارنىڭ سانى 42 گە، يارىلانغانلارنىڭ سانى 2 مىڭ 500 گە يەتكەن.

شاھىتلارنىڭ بىلدۈرۈشىچە، دۆلەت خەۋپسىزلىك كۈچلىرى جىددىي ھالەت چەكلىمىسىگە رىئايە قىلمىغان نامايىشچىلارنى تارتىقىۋېتىش ئۈچۈن ئوق چىقارغان.

ئىگىلىنىشىچە، باغداد ۋە دۆلەتنىڭ جەنۇبىي قىسمىغا جايلاشقان بەزى شەھەرلەر 1 – ئۆكتەبىردىن بۇيان نامايىشچىلارنىڭ «چىرىكلىك، ئىشسىزلىق ۋە دۆلەت خىزمىتىنىڭ بولماسلىقى» غا نارازىلىق بىلدۈرۈپ ئۆتكۈزۈۋاتقان نامايىشلىرىغا سەھنە بولۇۋاتقان بولۇپ، نامايىشلار سەۋەبىدىن باغدادتىن سىرت يەنە، زىقار (ناسىرىيە)، مەيسان (ئامارە) ۋە بابىل (ھىيلە) قاتارلىق شەھەرلەردە جىددىي ھالەت ئېلان قىلىنغان.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر