ترامپ ئۆزىگە قارشى «سىياسىي ئۆزگىرىش» قوزغىتىلغانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى

ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى پىرېزىدېنتى دونالد ترامپ، ئۆزى ئۈستىدە ئېلىپ بېرىلىۋاتقان ۋەزىپىدىن يىراقلاشتۇرۇش تەكشۈرۈشىنىڭ بىر «سىياسىي ئۆزگىرىش» ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈردى.

1280165
ترامپ ئۆزىگە قارشى «سىياسىي ئۆزگىرىش» قوزغىتىلغانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: دونالد ترامپنىڭ ئۇكرائىنا پىرېزىدېنتى ۋىلادىمىر زېلېنىسكى بىلەن ئۆتكۈزگەن تېلېفون سۆھبىتىنىڭ غۇلغۇلىسى داۋام قىلماقتا؛ رەقىبى جو بايدىننىڭ ئوغلىنى تەكشۈرۈشنى تەلەپ قىلغانلىقىغا دائىر بىر دوكلاتنىڭ ئاشكارىلىنىشى بىلەن تەڭ باشلانغان بۇ مۇساپە، ترامپنى ۋەزىپىدىن يىراقلاشتۇرۇش تەلىپىگىچە يېتىپ باردى.

ترامپ تەكشۈرۈش داۋاملىشىۋاتقان بىر پەيتتە ئىجتىمائىي تاراتقۇ تورى ئارقىلىق بايانات بېرىپ، ئۆزىنى ۋەزىپىدىن يىراقلاشتۇرۇش تەكشۈرۈشىنىڭ بىر سىياسىي ئۆزگىرىش ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈردى.

ئۇ، مەسىلىگە مۇناسىۋەتلىك تەپسىلاتلاردىن ۋاقىپ بولغانسېرى يۈز بېرىۋاتقان ئىشلارنىڭ ۋەزىپىدىن يىراقلاشتۇرۇش ئەمەس، بىر سىياسىي ئۆزگىرىش ئىكەنلىكىنى، بۇ قەدەمنىڭ پۇقرالىق ھوقۇقلىرىنى ئېلىپ تاشلاشنى نىشان قىلغانلىقىنى ھېس قىلغانلىقىنى قەيت قىلدى.

ترامپنىڭ ئىيۇل ئېيىدا ئۇكرائىنا پىرېزىدېنتى ۋىلادىمىر زېلېنىسكى بىلەن تېلېفوندا كۆرۈشكەندە، دېموكراتلار قانىتىنىڭ پىرېزىدېنت نامزاتى جو بايدىننىڭ ئوغلىنى تەكشۈرۈشلىرىنى تەلەپ قىلغانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلگەن؛ ترامپ بولسا، بۇ خەۋەرلەرنى رەت قىلماستىن «زېلېنىسكى بىلەن نېمە دېيىشكەنلىكىمنىڭ ئەھمىيىتى يوق. بىرلىرى بايدىننى تەكشۈرۈشى كېرەك» دېگەنىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر