ترامپ: ئامېرىكا ئارمىيەسىنى دۇنيا تارىخىنىڭ ئەڭ كۈچلۈك ئارمىيەسىگە ئايلاندۇردۇق

ئامېرىكانىڭ يېڭى ئارمىيە باش ئىشتاب باشلىقلىقىغا گېنېرال مارك مىللېي تەيىنلەندى

1279249
ترامپ: ئامېرىكا ئارمىيەسىنى دۇنيا تارىخىنىڭ ئەڭ كۈچلۈك ئارمىيەسىگە ئايلاندۇردۇق

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئامېرىكا ئارمىيە باش ئىشتاب باشلىقى گېنېرال جوسېف دۇنفورد ۋىرگىنا ئىشتاتىدىكى ئورتاق مايېر ھېندېرسون ھەربىي بازىسىدا ئۆتكۈزۈلگەن ھەربىي مۇراسىمدا، باش ئىشتاب باشلىقلىقى ۋەزىپىسىنى قورۇغلۇق ئارمىيە قوماندانى گېنېرال مارك مىللېيگە تاپشۇرۇپ بەردى.

ئامېرىكا پىرېزىدېنتى دونالد ترامپ مۇراسىمدىكى سۆزىدە، ئامېرىكا ئارمىيەسىنى دۇنيا تارىخىنىڭ ئەڭ كۈچلۈك ئارمىيەسىگە ئايلاندۇرۇغانلىقىنى بىلدۈرۈپ، گېنېرال دۇنفوردنىڭ پىكىرلىرىنىڭمۇ بۇ ئۇتۇقتا ئۈنۈملۈك رول ئوينىغانلىقىنى ئېيتتى.

دونالد ترامپ دۇنفوردنىڭ 2015يىلىدا باش ئىشتاب باشلىقلىقى نامزاتى ھەققىدە پىكىرلەشكەن بىرىنچى كىشىلەردىن بىرسى ئىكەنلىكىنى ئەسكەرتتى. 

مۇراسىمغا ئامېرىكا مۇئاۋىن پىرېزىدېنتى مايك پېنس، تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مايك پومپېئو ۋە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى مارك ئېسپېرمۇ ئىشتىراك قىلدى.

دونالد ترامپ ئالدىنقى يىلى دېكابىر ئېيىدا مارك مىللېينى نامزات كۆرسەتكەنلىكىنى تىۋىتتېر ھېسابىدىن ئېلان قىلغان ئىدى.

ئامېرىكانىڭ 20ئارمىيە باش قوماندانلىق ئىشتابى باشلىق بولغان مىللېي ئامېرىكا ئارمىيەسىدە يېقىملىق كىشىلىكىدىن باشقا يەنە، توقۇنۇش بولۇۋاتقان جايلاردا ئاياللارنىڭمۇ ۋەزىپە ئۆتىشىنى قوللاپ - قۇۋۋەتلىگەنلىكى بىلەن تونىلىدۇ.

مارك مىللېي ئافغانىستاندىكى قىسىملىرىدىن ئايرىلغاندىن كېيىن، تالىبان تەرىپىدىن نازارەتكە ئېلىنغان ۋە ئامېرىكانىڭ ئەسىر ئالماشتۇرۇش كېلىشىمى ئارقىلىق قويۇپ بېرىلگەن ھەربىي ئوفېتسىر بوۋ بېرگداھلنىڭ دېلوسىنى تەكشۈرۈشكىمۇ تەيىنلەنگەن ئىدى. 

ئامېرىكا پالاتاسى ئىيۇل ئېيىدىكى ئاۋاز بېرىشتە 1 رەت ئاۋازغا قارشى 89 قوللاش ئاۋازى بىلەن گېنېرال مارك مىللېينىڭ ئامېرىكا ئارمىيە باش ئىشتاب باشلىقى بولۇشىنى تەستىقلىغان ئىدى.

مارك مىللېي 2015يىلىدىن بۇيان قۇرۇغلۇق ئارمىيە قوماندانى بولۇپ ۋەزىپە ئۆتىمەكتە ئىدى.

ئارمىيە باش ئىشتاب باشلىقى جوسېف دۇنفورد 2015يىلى سابىق ئامېرىكا پىرېزىدېنتى باراك ئوباما تەرىپىدىن تەيىنلەنگەن ۋە ۋەزىپە ئۆتەش مۇددىتى دونالد ترامپ دەۋرىدە يەنە ئىككى يىللىق ئۇزارتىلغان ئىدى.

 



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر