ترامپ: ھىندىستان بىلەن مۇناسىۋىتىمىز تارىختا كۆرۈلۈپ باقمىغان دەرىجىدە كۈچلۈك

ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى پىرېزىدېنتى دونالد ترامپ بىلەن ھىندىستان باش مىنىستىرى نارىندرا مودى تېكساستىكى بىر پائالىيەت جەريانىدا كۆرۈشتى.

1274752
ترامپ: ھىندىستان بىلەن مۇناسىۋىتىمىز تارىختا كۆرۈلۈپ باقمىغان دەرىجىدە كۈچلۈك

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ترامپ ئۇچرىشىشتا ئامېرىكىدىكى ھىندىستانلىقلارنىڭ بۇ دۆلەتكە كۆپ جەھەتتە تۆھپە قوشۇۋاتقانلىقىنى تەكىتلەپ، «ھىندىستان بىلەن بولغان مۇناسىۋەتلىرىمىز ھازىرغىچە كۆرۈلۈپ باقمىغان دەرىجىدە كۈچلۈك» دېدى.

ھىندىستان باش مىنىستىرى نارىندرا مودىمۇ ترامپقا «ھىندىستاننىڭ ئاقسارايدىكى ھەقىقىي دوستى» دەپ باھا بەردى.

ئىككى رەھبەرنىڭ 74 – نۆۋەتلىك بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى (ب د ت) ئومۇمى كېڭىشى باشلىقلار يىغىنى دائىرىسىدە نيۇ يوركتىمۇ كۆرۈشۈشى پىلانلانماقتا.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر