ئەرەب دۆلەتلىرى ۋە تەشكىلاتلىرى «سائۇدى ئارامكو» شىركىتىگە قىلىنغان ھۇجۇمنى ئەيىبلىدى

ئەرەب دۆلەتلىرى ۋە بۇ دۆلەتلەر ئەزا بولغان ئورگانلار، سەئۇدى ئەرەبىستان نېفىت شىركىتى – سائۇدى ئارامكو قارمىقىدىكى ئىككى نېفىت زاۋۇتىغا قوراللىق ئۇچقۇچىسىز ھاۋا ئاپپاراتى بىلەن قىلىنغان ھۇجۇملارنى ئەيىبلىدى.

1269659
ئەرەب دۆلەتلىرى ۋە تەشكىلاتلىرى «سائۇدى ئارامكو» شىركىتىگە قىلىنغان ھۇجۇمنى ئەيىبلىدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: مىسىر تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى، ھۇجۇمنى ئەيىبلىدى ۋە سەئۇدى ئەرەبىستانغا خەۋپسىزلىك ۋە مۇقىملىقنى كاپالەتكە ئىگە قىلىش يولىدا كېرەكلىك چارىلەرنى يولغا قويۇش جەھەتتە ھەمدەم بولىدىغانلىقى بىلدۈردى.

پەلەستىن پىرېزىدېنتلىق مەھكىمىسى، مەزكۇر ھۇجۇملارنىڭ رايوندىكى جىددىيچىلىكنى تېخىمۇ ئۇلغايتىۋەتكەنلىكىنى تەكىتلىدى.

ئىيوردانىيە پادىشاھى 2-ئابدۇللاھ، سەئۇدى ئەرەبىستانلىق مەنسەپدېشى سەلمان بىن ئابدۇلئەزىز بىلەن تېلېفون كۆرۈشۈپ، سەئۇدى ئەرەبىستاننىڭ دۆلەت خەۋپسىزلىكىنىڭ ئىيوردانىيەنىڭ دۆلەت خەۋپسىزلىكىنىڭ بىر پارچىسى ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.

كۇۋەيت تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى، خەلقئارا جەمئىيەتنى بۇ خىل ھۇجۇملارنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن تېخىمۇ كۆپ كۈچ چىقىرىشقا چاقىردى.

بەيرەيىن ۋە ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكى تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقلىرىمۇ، ھۇجۇمنى ئەيىبلەپ، سەئۇدى ئەرەبىستاننىڭ سېپىدىن ئورۇن ئالىدىغانلىقلىرىنى بىلدۈرۈشتى.

ئەرەب ئەللىرى ئىتتىپاقى، سەئۇدى ئەرەبىستاننىڭ دۆلەتنىڭ خەۋپسىزلىكىنى كاپالەتكە ئىگە قىلىش يولىدا تاشلايدىغان ھەرقانداق قەدەمنى قوللايدىغانلىقىنى ئەسكەرتتى.

ئىسلام ھەمكارلىق تەشكىلاتىمۇ يازما بايانات ئېلان قىلىپ، جىنايەت خاراكتېرىدىكى بارلىق ھەرىكەتلەرگە قارشى ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى ۋە سەئۇدى ئەرەبىستاننى قوللايدىغانلىقىنى ئىپادىلىدى.

ئەرەب دۆلەتلىرى تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىرى كېڭىشى باش كاتىپلىقى ۋە ئەرەب پارلامېنتىمۇ ھۇجۇمنى ئەيىبلىدى ۋە بۇ خىل ھەرىكەتلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن قەدەم تاشلاشقا چاقىردى.

سەئۇدى ئەرەبىستاننىڭ مىللىي نېفىت شىركىتى «سائۇدى ئارامكو» نىڭ ئىككى زاۋاتى تۈنۈگۈن شۇ جاي ۋاقتى سائەت 04:00 تە قوراللىق ئۇچقۇچىسىز ھاۋا ئاپپاراتىنىڭ ھۇجۇمىغا ئۇچرىغانلىقى، ھۇجۇمدىن كېيىن زاۋۇتتا ئوت ئاپىتى يۈز بەرگەنلىكى ئۇقتۇرۇلغانىدى.

قوراللىق ئۇچقۇچىسىز ھاۋا ئاپپاراتلىرى بىلەن قىلىنغان ھۇجۇملاردىن كېيىن ھېچقانداق تەرەپ ئوچۇق – ئاشكارا ئەيىبلەنمىگەن بولسىمۇ، يەمەندىكى ھۇسىيلار يازما بايانات ئېلان قىلىپ، ھۇجۇمنى ئۆزلىرىنىڭ سادىر قىلغانلىقىغا ئىشارەت قىلىپ ئۆتكەنىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر