ئامېرىكا پولشاغا بەشىنچى ئەۋلاد ئۇرۇش ئايروپىلانى سېتىپ بېرىشنى ماقۇللىدى

ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى، پولشاغا ئومۇمىي قىممىتى 6 يېرىم مىليارد دوللارغا يېتىدىغان 32 دانە F-35A تىپلىق بەشىنچى ئەۋلاد ئۇرۇش ئايروپىلانى سېتىپ بېرىشنى ماقۇللىدى.

1268021
ئامېرىكا پولشاغا بەشىنچى ئەۋلاد ئۇرۇش ئايروپىلانى سېتىپ بېرىشنى ماقۇللىدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئامېرىكا مۇداپىئە، خەۋپسىزلىك ھەمكارلىقى ئاگېنتلىقى يازما بايانات ئېلان قىلىپ، بۇ قارارنىڭ، نورمال قوزغىلىش – قونۇش ئىقتىدارىغا ئىگە 32 دانە F-35A تىپلىق ئايروپىلاندىن سىرت 33 دانە F-35 نىڭ زاپاس ماتورى بىلەن ئايروپىلاننىڭ ئېلېكترونلۇق ئۇرۇش سىستېمىلىرىغا بىر قاتار زاپچاسلىرىنى سېتىپ بېرىشنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىغانلىقىنى ئۇقتۇردى.

باياناتتا يەنە، «بۇ قوراللار پولشانى رايوندىكى ھۇجۇمچى پوزىتسىيەلەرنى بىر تەرەپ قىلىش جەھەتتە ئىشەنچلىك مۇداپىئە ئىقتىدارى بىلەن تەمىنلەيدۇ ۋە ئامېرىكا ئەسكەرلىرى بىلەن بىرلىكتە ھەرىكەت قىلىشلىرىنى كاپالەتكە ئىگە قىلىدۇ» دېگەن ئىبارىلەرگە ئورۇن بېرىلدى.

پولشا، رۇسىيەدە ئىشلەنگەن مىگ-29 ۋە سۇ-22 فىلولىرىنى يېڭىلاش تىرىشچانلىقلىرىنىڭ بىر پارچىسى سۈپىتىدە F-35 سېتىۋېلىش تەلىپىنى ماي ئېيىدا ئامېرىكىغا سۇنغانىدى.

ۋارشوۋا دائىرىلىرىنىڭ، ئارمىيەنى زامانىۋىيلاشتۇرۇش خىزمەتلىرى دائىرىسىدە 2026 – يىلىغىچە 47 مىلياد دوللار ھەربىي خىراجەت قىلىشى كۈتۈلمەكتە.

2017 – يىلى ئامېرىكىدىن 10 يېرىم مىليارد دوللارلىق ۋەتەنپەرۋەر ناملىق ھاۋا مۇداپىئە باشقۇرۇلىدىغان بومبا سىستېمىسى سېتىۋالغان پولشا، يېقىندا HMARS راكېتا سىستېمىلىرى قوشۇلۇپ 2 مىليارد دوللار قىممىتىدە ھەربىي لازىمەتلىك سېتىۋالغانىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر