رۇسىيەدە ئۇرۇش ئايروپىلانى چۈشۈپ كەتتى
رۇسىيەنىڭ سىتاۋروپولىسىك شەھىرىدە ئۇرۇش ئايروپىلانى چۈشۈپ كېتىپ، 2 ئۇچقۇچى ئۆلدى.
1263781
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: رۇسىيە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقىدىن ئېلان قىلىنغان باياناتتا، تۈنۈگۈن سىتاۋروپولىسىك شەھىرىنىڭ سوۋىتسىك رايونىدا «Su-25UB» تىپلىق ئۇرۇش ئايروپىلانىنىڭ چۈشۈپ كېتىشى سەۋەبىدىن ئايروپىلاندىكى 2 ئۇچقۇچىنىڭ ھاياتىدىن ئايرىلغانلىقى بىلدۈرۈلدى.
بۇديونوۋىسىك ئايرودۇرۇمىدىن ھاۋاغا كۆتۈرۈلگەن ئۇرۇش ئايروپىلانىنىڭ مەشىق ئۇچۇشى ئەسناسىدا چۈشۈپ كەتكەنلىكى قەيت قىلىندى.