ئافغانىستاننىڭ بەدەخشان ۋە فاراھ رايونلىرىدا بومبا پارتلىدى

ئافغانىستاننىڭ غەربىگە جايلاشقان فاراھ ۋىلايىتىنىڭ ئانار دەرە ناھىيەسىدە يول بويىغا ئورۇنلاشتۇرۇلغان بومبىنىڭ پارتلىشى نەتىجىسىدە سەككىز كىشى جېنىدىن ئايرىلدى.

1261940
ئافغانىستاننىڭ بەدەخشان ۋە فاراھ رايونلىرىدا بومبا پارتلىدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: فاراھ ساقچى ئىدارىسىنىڭ باياناتچىسى مۇھىببۇللاھ مۇھىب ئانار دەرە ناھىيەسىدە يول بويىغا ئورۇنلاشتۇرۇلغان بومبىنىڭ پارتلىشى نەتىجىسىدە ئالتە پۇقرا بىلەن ئىككى خەۋپسىزلىك خادىمىنىڭ جېنىدىن ئايرىلغانلىقىنى بىلدۈردى.

مۇھىببۇللاھ مۇھىب بومبىنى يول بويىغا تالىباننىڭ ئورۇنلاشتۇرغانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى.

تالىبان ھازىرغىچە بۇ ھەقتە ھېچقانداق بايانات ئېلان قىلمىدى.

ئافغانىستاننىڭ شەرقىي شىمالىغا جايلاشقان بەدەخشان ۋىلايىتىدىمۇ پۇتبول مەيدانىغا ئورۇنلاشتۇرۇلغان بومبىنىڭ پارتلىشى نەتىجىسىدە ئىككى كىشى جېنىدىن ئايرىلدى.

بەدەخشان ساقچى ئىدارىسىنىڭ باياناتچىسى سانائۇللاھ رۇھانى بەدەخشاننىڭ مەركىزى فايزائاباد شەھىرىدىكى پۇتبول مەيدانىغا ئورۇنلاشتۇرۇلغان بومبىنىڭ، گېنېرال نازىر ئەھمەت نىيازى مەيداندىن چىقىۋاتقاندا پارتىلغانلىقىنى بىلدۈردى.

ھۇجۇمدا، گېنېرال نىيازى بىلەن بىر قوغدىغۇچىسىنىڭ جېنىدىن ئايرىلغانلىقىنى ئەسكەرتكەن رۇھانى، بىر كىشىنىڭ يارىلانغانلىقىنى قەيت قىلدى.

مەركۇز ھۇجۇمغا ھازىرغىچە ھېچقانداق تەشكىلات ياكى شەخس جاۋابكار بولىدىغانلىقىنى ئېلان قىلمىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر