ئىمران خان ئاتوم كۈچىگە ئىگە ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدا ئۇرۇش چىقىش خەۋپى بارلىقىنى تەكىتلىدى

پاكىستان باش مىنىستىرى ئىمران خان كەشمىر مەسىلىسىدە پاكىستاننىڭ ھەر تۈرلۈك يوللارنى سىناپ كۆرىدىغانلىقىنى ۋە پاكىستان خەلقىنىڭ كەشمىر خەلقىنى ئاخىرقى تىنىقىغىچە قوللاپ – قۇۋۋەتلەيدىغانلىقىنى ئېيتتى.

1259202
ئىمران خان ئاتوم كۈچىگە ئىگە ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدا ئۇرۇش چىقىش خەۋپى بارلىقىنى تەكىتلىدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: پاكىستان باش مىنىستىرى ئىمران خان كەشمىر مەسىلىسىدە ھۆكۈمەتنىڭ مەۋقەسىنى خەلققە بىلدۈرۈش ئۈچۈن تېلېۋىزىيەدە سۆز قىلدى. پاكىستاننىڭ كەشمىر مەسلىسىدە قەتئىيلىك بىلەن بىر يۆنىلىش بەلگىلەيدىغان ۋاقتى كەلگەنلىكىنى تەكىتلەپ، «پاكىستان كەشمىر مەسىلىسىدە ھەر تۈرلۈك يوللارنى سىناپ كۆرىدۇ ۋە پاكىستان خەلقى كەشمىر خەلقىنى ئاخىرقى تىنىقىغىچە قوللاپ قۇۋۋەتلەيدۇ» دېدى.

ئىمران خان ھاكىمىيەت بېشىغا كەلگەن كۈندىن بېرى ھىندىستان بىلەن دىيالوگ ئورنىتىش ئۈچۈن نۇرغۇن تىرىشچانلىق كۆرسەتكەنلىكىنى، ھىندىستان ھۆكۈمىتىنىڭ بولسا، پاكىستانغا قارشى سۆز ئۈندۈرۈش ئۈچۈن پۇرسەت ماراپلا يۈرگەنلىكىنى تەكىتلىدى.

ئىمران خان ھىندىستاننىڭ 5ئاۋغۇستتا بەرگەن سېگنالىنىڭ «ھىندىستان پەقەتلا ھىندىلارغا ئائىت، باشقىلار ئىككىنچى سىنىپ پۇقرالار» دېگەنلىك بولغانلىقىنى بىلدۈرۈپ، رادىكال ھىندى مىللىيەتچىسى «RSS» ناملىق تەشكىلاتقا ھىندىستان باش مىنىستىرى مودىنىڭمۇ ئەزا بولغانلىقى سەۋەبىدىن مەزكۇر تەشكلاتنىڭ ئىدىئولوگىيەسىنى ھاكىمىيەتتىكى ھىندىستان خەلق پارتىيەسىنىڭمۇ ئۆزلەشتۇرىۋالغانلىقىنى ئېيتتى.

ئىمران خان «RSS» ناملىق تەشكىلاتنىڭ بىر چاغلاردا ھىندىستاندا تېررورلۇق تەشكىلاتى دەپ قارالغانلىقىنىمۇ ئەسكەرتىپ، «بۇ ئۆز نۆۋىتىدە يەنە، ماھاتما گاندىنىمۇ ئۆلتۈرگەن ئىدىئولوگىيە ئىدى» دېدى.

ھىندىستاننىڭ تۇنجى باش مىنىستىرى جاۋاھارلار نەھرۇنىڭ ۋاپاتىدىن كېيىن، رادىكال ھىندى مىللىيەتچىسى «RSS» ناملىق تەشكىلات ئىدىئولوگىيەسىنىڭ ھىندىستاندا ئورۇن ئىگىلەشكە باشىلغانلىقىنى بىلدۈرگەن ئىمران خان، بۇ تەشكىلاتنىڭ بابىرى جامەسىگە ئوت قويۇپ بېرىش، گۇجراتتىكى مۇسۇلمانلارنى قەتلىئام قىلىش ۋە ھىندى مىللىيەتچىلىرىنىڭ مۇسۇلمانلارغا قارشى نەپرەت جىنايەتلىرىنىڭ ھەممىگە جاۋابكار ئىكەنلىكىنى تەكىتلىدى.

ئىمران خان «RSS» ناملىق تەشكىلاتنىڭ ھىندىلارنىڭ ھەممىدىن ئۇلۇغ ئىكەنلىكىگە ئىشىنىدىغانلىقى ۋە مۇسۇلمانلارغا نەپرەت بىلەن قارايدىغانلىقى، رەھبەرلىرىنىڭ بولسا، ئىرقىۋاز، فاشىست پىكىرلەرگە ئىگە ئىكەنلىكىنى ئۇقتۇردى.

ئىمران خان مودىنىڭ تارىخىي بىر خاتالىق ئۆتكۈزگەنلىكىنى تەكىتلەپ، ھىندى مىللىيەتچىلىرى رەھبىرىنىڭ بۇ خاتالىقى ئارقىلىق كەشمىرنىڭ ئازادلىقىغا يول ئاچقانلىقىنى تەكىتلىدى.

پاكىستان ھۆكۈمىتىنىڭ سەپەرۋەرلىكىنىڭ كىشمىر ئازاد بولغانغا قەدەر داۋاملىشىدىغانلىقىنى تىلغا ئالغان ئىمران خان، مېدىيانىڭ مەسلىنىڭ خەلقئارالىشىىشغا ياردەمچى بولغانلىقىنى ۋە تۇنجى قېتىم غەرب مېدىياسىنىڭ ھىندىستاننى تەنقىد قىلغانلىقىنى بىلدۈردى.

ئىمران خان كەشمىر مەسىلىسىدىكى تالاش تارتىشلارنىڭ ئۇرۇشقا ئايلىنىپ كېتىش خەۋپى ھەققىدىمۇ خەلقئارا جامائەتچىلىكنى ئاگاھلاندۇرۇپ، ھەر ئىككى دۆلەتنىڭ ئاتوم كۈچىگە ئىگە ئىكەنلىكىنى ئىما قىلدى.

ئىمران خان ئۇرۇش چىققان ئەھۋالدا ھېچ كىشىنىڭ غەلىبە قىلالمايدىغانلىقىنى ئەسكەرتىپ، «بۇ پەقەت رايوننى ۋەيران قىلىش بىلەنلا توختاپ قالماستىن، پۈتۈن دۇنيانىڭمۇ بۇنىڭ ئېغىر بەدىلىنى تۆلەشكە مەجبۇر بولىدىغانلىقىنى ئېيتتى.

ئىمران خان سىنتەبىردە ئۆتكۈزۈلىدىغان بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى ئومۇمىي كېڭىشى يىغىنىغا قەدەر كەشمىر مەسلىسىدە پاكىستاننىڭ ھەر ھەپتە 30 مىنۇتلۇق پائالىيەت ئۆتكۈزۈدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ، ھە جۈمە كۈنى پاكىستان خەلقىنىڭ كەشمىرلىكلەر بىلەن بولغان ھەمكارلىقىنى نامايان قىلىش ئۈچۈن پاكىتسان ۋاقتى سائەت 12:00 دىن 12:30 غىچە كوچىلارغا چىقىىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

ئىمران خان  ب د ت ئومۇمىي كېڭىشىدە نۇتۇق سۆزلەيدىغانلىقىنى ۋە كەشمىر مەسلىسىنى تەكىتلەيدىغانلىقىنى ئۇقتۇرۇپ، «كەشمىرنىڭ ئەلچىسىدەك ھەرىكەت قىلىمەن» دېدى.

ھىندىستان دۆلەت ئاساسىي قانۇنىنىڭ يېرىم ئەسىردىن كۆپرەك ۋاقىتتىن بېرى جاممۇ كەشمىرنىڭ ئالاھىدە رايونلۇق سالاھىيەت ھوقۇقىنى ئېتىراپ قىلىپ كەلگەن 370ماددىسى 5ئاۋغۇستتا ئەمەلدىن قالدۇرۇلۇپ، كەشمىرنىڭ ئالاھىدە رايونلۇق سالاشىيىتى يوققا چىقىرىلغان ئىدى.

 



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر