فىرانسىيەدە گ 7 دۆلەتلەر گۇرۇھى يىغىنى مۇناسىۋىتى بىلەن بۈگۈنمۇ 19 كىشى نازارەتكە ئېلىندى

فىرانسىيەنىڭ غەربىي جەنۇبىدىكى باررىتىز شەھىرىدە 45 – نۆۋەتلىكى ئۆتكۈزۈلىۋاتقان گ 7 دۆلەتلەر گۇرۇھى رەھبەرلىرى يىغىنى مۇناسىۋىتى بىلەن 19 كىشى نازارەتكە ئېلىندى.

1258220
فىرانسىيەدە گ 7 دۆلەتلەر گۇرۇھى يىغىنى مۇناسىۋىتى بىلەن بۈگۈنمۇ 19 كىشى نازارەتكە ئېلىندى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ۋالىي مەھكىمىسى تەرەپىدىن ئېلان قىلىنغان يازما باياناتتا، نازارەتكە ئېلىنغانلارنىڭ كىملىكى، قەيەردە ۋە قانداق ئەھۋال ئاستىدا نازارەتكە ئېلىنغانلىقى ھەققىدە ھېچقانداق مەلۇمات بېرىلمىدى.

ۋالىي مەھكىمىسى تۈنۈگۈنمۇ گ 7 دۆلەتلەر گۇرۇھى رەھبەرلىرى يىغىنى مۇناسىۋىتى بىلەن 68 كىشىنىڭ نازارەتكە ئېلىنغانلىقىنى ئېلان قىلغان ئىدى.

يىغىنغا قارشى چىققان نامايىشچىلار باررىتىز شەھىرىدە نامايىش ئۆتكۈزمەكتە.

نامايىشچىلار ئالدىنقى كۈنى باررىتىز شەھىرىگە يېقىن ھېدايە ۋە بىيوننە شەھەرلىرىدە نامايىش ئۆتكۈزگەن ئىدى.

بىيوننەدە ھەر خىل نەرسىلەرنى ئاتقان نامايىشچىلارغا ساقچىلار ياش ئاققۇزۇش بومبىسى ۋە ئېغىر بېسىملىق سۇ بىلەن مۇداخىلە قىلغان ئىدى.

جۈمە كۈنى ئۇررۇگنەدىكى يولغا توساق قۇرۇپ ئۆتكۈزۈلگەن نامايىشلار جەريانىدا، ساقچىلار بىلەن نامايىشچىلار ئوتتۇرىسىدا توقۇنۇش يۈز بېرىپ، 4 ساقچى يېنىك يارىدار بولغان ۋە 17 كىشى نازارەتكە ئېلىنغان ئىدى. 

گ 7 دۆلەتلەر گۇرۇھى رەھبەرلىرى يىغىنى ئۈچۈن قاتتىق بىخەتەرلىك تەدبىرلىرى يولغا قويۇلدى. بولۇپمۇ تېررورلۇق ھۇجۇمى يۈز بېرىپ قىلىش ئېھتىمالىغا قارشى 13200 نەپەر ساقچى ۋە ژاندارما خادىملىرىدىن باشقا يەنە، 450 نەپەر ئوت ئۇچۇرۇش ئەترىتى خادىمىمۇ يىغىن ئاخىرىغىچە ۋەزىپىگە تەيىنلەنگەن ئىدى.

 

 



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر