پاكىستان ھىندىستان بىلەن سودا مۇناسىۋەتلىرىنى ئۈزدى

پاكىستان ھىندىستان بىلەن بولغان سودا مۇناسىۋەتلىرىنى توڭلىتىپ قويدى.

1251348
پاكىستان ھىندىستان بىلەن سودا مۇناسىۋەتلىرىنى ئۈزدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: سودا ۋە  توقۇلما بۇيۇملىرى مىنىستىرلىقىنىڭ، پاكىستان باش مىنىستىرى ئىمران خاننىڭ رىياسەتچىلىكىدە چاقىرىلغان مىنىستىرلار كېڭىشى يىغىنىدىن كېيىن ئېلان قىلغان باياناتىدا ئەسكەرتىلىشىچە، پاكىستان ھىندىستان بىلەن بولغان سودا مۇناسىۋەتلىرىنى توڭلىتىپ قويغان.

ھىندىستاننىڭ «ئېكسپورت – ئىمپورت قىلىش چەكلىنىدىغان دۆلەتلەر» تىزىملىكىگە كىرگۈزۈلگەنلىكى قەيت قىلىنغان  باياناتتا مۇنداق دېيىلگەن: «پاكىستان فېدېراتسىيە ھۆكۈمىتى  ھىندىستان بىلەن بولغان سودا مۇناسىۋەتلىرىنىڭ توڭلىتىپ قويۇلغانلىقىدىن ئىنتايىن خۇرسەن.»

مەلۇماتلارغا قارىغاندا، پاكىستان مەزكۇر چەكلىمىنى پاكىستان بىلەن دىپلوماتىك ۋە سودا مۇناسىۋىتى بولمىغان ئىسرائىلىيەگىلا ئىجرا قىلىدىكەن.

ھىندىستان يېرىم ئەسىردىن كۆپرەك ۋاقىتتىن بۇيان جاممۇ كەشمىرگە ئاپتونومىيەلىك ھوقۇقى بېرىدىغان ئاساسىي قانۇننىڭ 370 – مادددىسىنى دۈشەنبە كۈنى ئەمەلدىن قالدۇرۇپ، رايوننىڭ ئالاھىدە قۇرۇلمىسىنى بىكار قىلغانىدى.

پاكىستان ھۆكۈمىتى ھىندىستاننىڭ بۇ قارارىنى قاتتىق ئەيىبلەپ، ھىندىستان بىلەن بولغان دىپلوماتىك مۇناسىۋەتلەرنىڭ سەۋىيەسىنى چۈشۈرۈشنى قارارلاشتۇرغان، ھەمدە ھىندىستاندىن ئىسلامئابادتىكى باش ئەلچىسىنى قايتۇرۇپ كېتىشىنى تەلەپ قىلغانىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر