مىسىر ھۆكۈمىتى تۈنۈگۈن قاھىرەدە يۈز بەرگەن پارتلاشنى «تېررورلۇق ۋەقەسى» دەپ ئېلان قىلدى

مىسىر ھۆكۈمىتى تۈنۈگۈن پايتەخت قاھىرەدە 20 كىشىنىڭ جېنىغا زامىن بولۇپ، 47 كىشىنىڭ يارىدار بولۇشىغا سەۋەب بولغان پارتلاشنى «تېررورلۇق ۋەقەسى» دەپ ئېلان قىلدى.

1248636
مىسىر ھۆكۈمىتى تۈنۈگۈن قاھىرەدە يۈز بەرگەن پارتلاشنى «تېررورلۇق ۋەقەسى» دەپ ئېلان قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: مىسىر ئىچكى ئىشلار مىنىستىرلىقىدىن ئېلان قىلىنغان يازما باياناتتا، كېچىدە قاھىرەدىكى راك كېسەللىكى ئىنسىتېتۇتى ئەتراپىدا يولدا تەتۈر يۆنىلىشكە قاراپ ماڭغان بىر ئاپتوموبىلنىڭ 3 ئاپتومبىلغا سوقۇلۇپ كېتىشى بىلەن پارتلاش يۈز بەرگەنلىكى بىلدۈرۈلدى. 

باياناتتا ئېلىپ بېرىلغان تەكشۈرۈشلەر نەتىجىسىدە، تەتۈر يۆنىلىشكە قاراپ ماڭغان ئاپتوموبىلنىڭ بومبا قاچىلانغان ئاپتومبىل ئىكەنلىكى ئېنىقلانغانلىقى ۋە ئەسلى نىشانىنىڭ باشقا ئىستىراتېگىيەلىك رايوندا تېررورلۇق ۋەقەسى تۇغدۇرۇش ئىكەنلىكى ئەسكەرتىلدى.

باياناتتا بۇ ئاپتومبىلنىڭ مەنۇفىيە شەھىرىدىن ئوغرىلانغانلىقى بىلدۈرۈلۈپ، «ۋەقەنىڭ مۇسۇلمان قېرىنداشلار تەشكىلاتىغا چېتىشلىق ھەسىم ھەرىكىتى تەرىپىدىن پىلانلانغانلىقى ئېنىقلاندى» دېيىلدى.

بۇ ئارىلىقتا مىسىر پىرېزىدېنتى ئابدۇلففەتتاھ ئەسسىسى ۋەقەگە ئالاقىدار تەزىيانامە ئېلان قىلدى.

مىسىر پىرېزىدېنتلىقىغا تەۋە رەسمىي فېسبۇك ھېسابىدا ئېلان قىلىنغان تەزىيەنامىدا، سىسى ۋەقەدە ئۆلگەنلەرگە ئاللاھتىن رەھمەت، يېقىن يورۇقلىرىغا سەۋىر تاقەت ۋە يارىدارلارغا شىپالىق تېلەيدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

تۈنۈگۈن كەچتە قاھىرەدە يۈز بەرگەن بۇ تېررورلۇق ۋەقەسى نۇرغۇنلىغان دۆلەتلەر تەرىپدىنمۇ ئەيىبلەندى.

ئامېرىكىنىڭ قاھىرەدە تۇرۇشلۇق ئەلچىخانىسى ئېلان قىلىغان يازما باياناتتا، «تېررورلۇق ۋەقەسى» دەپ باھا بېرىلگەن پارتلاش ۋەقەسى ئەيىبلەندى ۋە قۇربانلارنىڭ يېقىن يورۇقلىرىغا تەزىيە تېلەكلىرى بىلدۈرۈلدى.

سەئۇدى ئەرەبىستان تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى ئېلان قىلغان باياناتتا، تېررورلۇققا قارشى كۈرەشتە مىسىرنىڭ يېنىدا بولىدىغانلىقى بىلدۈرۈلدى.

بەھرەين تاشقى ئىشلار مىنىتىرلىقىنىڭ باياناتىدا، تېررورلۇق تەشكىلاتلىرىغا ۋە ئۇلارنى قوللىغۇچىلارغا زەربە بېرىش ئۈچۈن مىسىرنىڭ خەلقئارادا كۆرسىتىۋاتقان تىرىشچانلىقىنى قوللاش لازىملىقى تەكىتلەندى. 

كۇۋەيت ئەمىرى ساباھ ئەل ئەھمەد ئەل جابىر ئەس ساباھ يۈز بەرگەن تېررورلۇق ۋەقەسىنى ئەيىبلەيدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ، مىسىرنىڭ بىخەتەرلىكنى قوغداش ئۈچۈن يولغا قويغان بارلىق تەدبىرلەرنى قوللايدىغانلىقىنى قەيت قىلدى.

ئىراق تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى باياناتچىسى ئەھمەد ئەسساھاف ئېلان قىلغان يازما باياناتىدا، ئىراقنىڭ مىسىردىكى تېررورلۇق ۋەقەسىنى ئەيىبلەيدىغانلىقى بىلدۈرۈلدى.

ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكى بولسا، بۇ ۋەقەنىڭ نە ئىنسانىي، نە دىنىي قىممەت قاراشلارغا ماس كەلمەيدىغانلىقىنى بىلدۈردى. 

پەلەستىن پىرېزىدېنتى ماھمۇد ئابباسمۇ مىسىرنىڭ ھەر تۈرلۈك قېيىنچىلىقلارنى يىڭىدىغانلىقىغا ۋە تېررورلۇققا قارشى كۈرەشتە ئۇتۇققا ئېرىشىدىغانلىقىغا ئىشىنىدىغانلىقىنى تىلغا ئالدى. 

ھاماس ئىسلامىي جىھاد ھەرىكىتى بىلەن ئەرەب پارلامېنتى باشلىقى مەشەل بىن فەھمىس سىلمىمۇ ئېلان قىلغان باياناتىدا، تېررورلۇق ۋەقەسىنى ئەيىبلەپ، مىسىر خەلقىگە تەزىيە تېلەكلىرىنى يوللىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر