خىتاي شىركەتلىرىنىڭ ئامېرىكىدىن يېزا ئىگىلىكى مەھسۇلاتى سېتىۋېلىشى ۋاقىتلىق توختىتىلدى

خىتاي سودا مىنىستىرلىقى خىتاي شىركەتلىرىنىڭ ئامېرىكىدىن يېزا ئىگىلىكى مەھسۇلاتى سېتىۋېلىشىنى ۋاقىتلىق توڭلاتقانلىقىنى ئېلان قىلدى.

1248681
خىتاي شىركەتلىرىنىڭ ئامېرىكىدىن يېزا ئىگىلىكى مەھسۇلاتى سېتىۋېلىشى ۋاقىتلىق توختىتىلدى

 

 

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: خىتاي سودا مىنىستىرلىقى ئېلان قىلغان يازما باياناتتا، ئامېرىكىنىڭ 300 مىليارد دوللارلىق خىتاي مەھسۇلاتلىرىغا %10 لىك قوشۇمچە باج قويۇش ئارقىلىق خىتاي پىرېزىدېنتى شى جىنپىڭ بىلەن ئامېرىكا پىرېزىدېنتى دونالد ترامپنىڭ گ 20 دۆلەتلەر گۇرۇھى رەھبەرلەر يىغىنىدا ھاسىل قىلغان پىكىر بىرلىكىگە ئېغىر زىيان سالغانلىقى بىلدۈرۈلدى. 

خىتاينىڭ 3ئاۋغۇستتىن ئېتىبارەن ئامېرىكىدىن ئىمپورت قىلىنىدىغان يېزا ئىگىلىكى مەھسۇلاتلىرىغا تامۇژنا بېچى كەچۈرۈم قىلمايدىغانلىقى تەكىتلىنىپ، «ماناسىۋەتلىك خىتاي شىركەتلىرىنىڭمۇ ئامېرىكىدىن يېزا ئىگىلىكى مەھسۇلاتى سېتىۋىلىشى ۋاقىتلىق توڭلىتىلدى» دېيىلدى.

خىتاي سودا مىنىستىرلىقى ئېلان قىلغان يازما باياناتتا، خىتاي بازىرىنىڭ چوڭ پۇرسەتلەرگە ئىگە ئىكەنلىكى ئىما قىلىنىپ، «ئامېرىكىنىڭ ئىككى دۆلەت رەھبەرلىرى ئوتتۇرىسىدا ئوساكادا ھاسىل قىلىنغان پىكىر بىرلىكىنى سەمىمىي ھالدا ئىجرا قىلىشىنى ۋە ئىككى دۆلەتنىڭ يېزا ئىگىلىكى ساھەسىدىكى ھەمكارلىقىغا دائىر كېرەكلىك شارائىتلارنىڭ ھازىرلىشىنى ئۈچۈن بەرگەن ۋەدىلەرگە ئەمەل قىلىشىنى ئارزۇ قىلىمىز» دېيىلدى.

خىتاينىڭ ئامېرىكىدىن ئىمپورت قىلىدىغان يېزا ئىگلىكى مەھسۇلاتلىرىنىڭ ئاساسلىق كۆپ قىسمى پۇرچاق، پاختا، بوغداي، كوممىقوناق ۋە چوشقا گۆشىدىن تەركىپ تاپىدۇ.

ئامېرىكا پىرېزىدېنتى دونالد ترامپ مۇشۇ ئاينىڭ باشلىرىدا خىتاي مەھسۇلاتلىرىغا قوشۇمچە تامۇژنا بېجى قويۇپ، يېڭى قوشۇمچە تامۇژنا بېجىغا ئالاقىدار تىۋىتتېر ھسابىدىن ئېلان قىلغان باياناتىدا، «سودا مۇزاكىرىلىرى داۋاملىشىۋاتىدۇ. بۇلار داۋاملاشقاچ تۇرسۇن، ئامېرىكا 1سىنتەبىردىن ئېتىبارەن خىتايدىن دۆلىتىمىزگە كەلگەن 300 مىليارد دوللارلىق مەھسۇلاتقا %10 لىك ئازغىنە قوشۇمچە تامۇژنا بېجى قويىدۇ. بۇ قوشۇلىدىغان باج ئىلگىرىكى %25 لىك قوشۇمچە تامۇژنا بېجى قويۇلغان 250 مىليارد دوللارلىق خىتاي مەھسۇلاتلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالمايدۇ» دېگەن ئىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر