13-قېتىملىق سۈرىيە يىغىنى نۇرسۇلتاندا باشلاندى

قازاقىستان پايتەختى نۇرسۇلتاندا 13-قېتىملىق سۈرىيە كاپالەتچىلىرى يىغىنى رۇسىيە بىلەن ئىران ئوتتۇرىسىدىكى ئۇچرىشىشلىرى بىلەن باشلاندى.

1245901
13-قېتىملىق سۈرىيە يىغىنى نۇرسۇلتاندا باشلاندى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: رۇسىيە بىلەن ئىراننىڭ ۋەكىللىرى رىتز كارلتون مېھمانخانىسىدا ئۆتكۈزۈلگەن تېخنىكىلىق ئۇچرىشىشلار رامكىسىدا، ئەنقەرە ۋاقتى 07:30، ئۈرۈمچى ۋاقتى 10:30 دا كۆرۈشتى.

تۈركىيە ھەيئىتىنىڭ ئەنقەرە ۋاقتى 11:00 دە ئۇچرىشىشلىرىنى باشلايدىغانلىقى بىلدۈرۈلدى.

 تېخنىكىلىق ئۇچرىشىشلارنىڭ كۈنتەرتىپىنى، ئىدلىب ۋە سۈرىيەنىڭ شىمالىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان دۆلەتنىڭ نۆۋەتتىكى ۋەزىيىتى تەشكىل قىلىدۇ. رۇسىيە ھەيئىتىگە، پىرېزىدېنت پۇتىننىڭ سۈرىيە ئالاھىدە ۋەكىلى ئالېكساندېر لاۋرېنتىيېۋ، ئىران ھەيئىتىگە مۇئاۋىن تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ئەلى ئاسگار ھاجى باشچىلىق قىلىدۇ. تۈركىيە ھەيئىتىگە، مۇئاۋىن تاشقى ئىشلار مىنىستىرى سەدات ئۆنال باشچىلىق قىلىدۇ.

قازاقىستان تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ بۇ ھەقتىكى باياتىدا كۆرسىتىلىشىچە، ب د ت سۈرىيە ئالاھىدە ۋەكىلى گېيىر پېدېرشىن (Geir Pedersen) سالامەتلىك ئەھۋالى سەۋەبىدىن بۇ قېتىمقى يىغىنغا قاتنىشالمايدىغان بولۇپ، ئۇنىڭ ئورنىغا مۇئاۋىنى ئىشتىراك قىلىدىكەن.

بەششار ئەسەد ھاكىمىيىتى ۋە قوراللىق ئۆكتىچىلەر ھەيئىتى قاتنىشىدىغان يىغىن ئەتە (2-ئاۋغۇست) ئۆتكۈزۈلىدۇ.

يىغىنغا، ئىيوردانىيە، ب د ت مۇساپىرلار ئالىي كومىسسارىياتى ۋە خەلقئارا قىزىل كىرېست جەمئىيىتىنىڭ ۋەكىللىرى كۆزەتكۈچى سالاھىيىتىدە قاتنىشىدۇ. 2019-يىلى 25-26-ئاپرېلدا چاقىرىلغان 12-قېتىملىق يىغىندا، كۆزەتكۈچىلىك سالاھىيىتى بېرىلگەن لىۋان بىلەن ئىراق، ئاستانا شەكلىدىكى يىغىنغا تۇنجى قېتىم قاتنىشىدۇ.

ئىدلىب جىددىيچىلىكنى پەسەيتىش رايونى ۋە سۈرىيەنىڭ شەرقىي شىمالىنىڭ ۋەزىيىتى، توقۇنۇشۇۋاتقان تەرەپلەر ئوتتۇرىسىدا ئۆزئارا ئىشەنچنى كۈچەيتىدىغان تەدبىرلەر، مۇساپىرلارنىڭ يۇرت-ماكانلىرىغا قايتىشى ۋە ئۇرۇشتىن كېيىن سۈرىيەنىڭ قايتىدىن قۇرۇلۇشى قاتارلىق مەسىلىلەر، ئۇچرىشىشلارنىڭ ئاساسلىق كۈنتەرتىپىنى تەشكىل قىلدۇ.

تۈركىيە، رۇسىيە ۋە ئىراننىڭ كاپالىتى ئاستىدىكى ئۇچرىشىشلار 2017-يىلى باشلانغان ئىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر