ئەربىلدىكى تېررورلۇق ھۇجۇمىنى پەيدا قىلغۇچىلاردىن بىرىنىڭ كىملىكى ئېلان قىلىندى

ئىراقنىڭ شىمالىدىكى ئەربىل شەھىرىدە چارشەنبە كۈنى بىر رېستوراندا مەيدانغا كەلگەن ھۇجۇمنى سادىر قىلغۇچىلاردىن بىرىنىڭ كىملىكى ئېلان قىلىندى.

1238733
ئەربىلدىكى تېررورلۇق ھۇجۇمىنى پەيدا قىلغۇچىلاردىن بىرىنىڭ كىملىكى ئېلان قىلىندى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئىراق كورد رايونلۇق ھۆكۈمىتىگە قاراشلىق جامائەت خەۋپسىزلىك ئىدارىسى يازما بايانات ئېلان قىلىپ، تۈركىيەنىڭ ئەربىلدىكى كونسۇلخانىسىدا ئىشلەيدىغان بىر كىشى شېھىت قىلىنغان، 2 ئىراق پۇقراسى ھاياتىدىن ئايرىلغان ھۇجۇمنىڭ جاۋابكارلىرىدىن بىرىنىڭ كىملىك ئۇچۇرلىرىنى ئورتاقلاشتى.

باياناتتا، ھۇجۇمنىڭ جاۋابكارلىرىنىڭ بىرىنىڭ 1992 – يىلى دىيارباكىردا دۇنياغا كەلگەن مازلۇم داغ ئىكەنلىكى قەيت قىلىندى.

ھۇجۇمچىنىڭ فوتو – سۈرىتىنمۇ ئورتاقلاشقان مەزكۇر ساقچى ئىدارىسى، بۇ كىشى ھەققىدە مەلۇماتقا ئىگە ئاھالىنى خەۋپسىزلىك كۈچلىرىگە ئەھۋال مەلۇم قىلىشقا چاقىردى.

باياناتتا، خەۋپسىزلىك كۈچلىرىنىڭ ھۇجۇمچىنى ئىزدەش خىزمەتلىرىنى داۋاملاشتۇرۇۋاتقانلىقى تەكىتلەندى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر