رۇسىيە تۈركىيەگە سۇ-35 تىپلىق ئۇرۇش ئايروپىلانىنى سېتىپ بېرىشكە تەييارلىقىنى بىلدۈردى

رۇسىيە مۇداپىئە سائانىتى شىركىتى – روستېخنىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدارى سېرگېي چېمېزوۋ، رۇسىيەنىڭ تۈركىيەگە سۇ-35 ئۇرۇش ئايروپىلانى سېتىپ بېرىشكە تەييار ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.

1238223
رۇسىيە تۈركىيەگە سۇ-35 تىپلىق ئۇرۇش ئايروپىلانىنى سېتىپ بېرىشكە تەييارلىقىنى بىلدۈردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: سېرگېي چېمېزوۋ، گۈللىنىۋاتقان تۈركىيە – رۇسىيە ھەربىي تېخنىكا ھەمكارلىقىنى چۆرىدىگەن ھالدا مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنى ئۆتكۈزدى. تۈركىيەگە رۇسىيەدە ياسالغان ئۇرۇش ئايروپىلانىنى سېتىپ بېرىش تەكلىپىنى ئوتتۇرىغا قويغان چېمىزوۋ، «ئەگەر تۈرك كەسىپداشلىرىمىز ئازرۇ قىلىدىغان بولسا، بىز سۇ-35 ئۇرۇش ئايروپىلانىنى بېرىشكە تەييارمىز» دېدى.

رۇسىيەنىڭ سۇخوئى شىركىتى تەرىپىدىن لايىھەلەنگەن بىر ئورۇندۇقلۇق، قوش موتورلۇق سۇ-35، كۆپ مەقسەتلىك ئوۋچى ئايروپىلانى سۈپىتىدە ئىشلىتىلمەكتە.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر